UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىمارجان دەرىخى

مارجان دەرىخى

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى مۇھىتتىكى شاۋقۇن ئاۋازلار جەمئىيەتتىكى بىر خىل ئېغىر ئىجتىمائىي ئاپەتكە ئايلاندى، بولۇپمۇ شەھەر ئاھالىلىرى ئۇنىڭ زىيىنىنى يەتكۈچە تارتماقتا. ۋەھالەنكى، كوچا - يوللارنى كۆكەرتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق شاۋقۇننى ئۈنۈملۈك ئازايتىشقا بولىدۇ. چۈنكى، دەرەخ باراقسىنىنىڭ ئاۋاز سۈمۈرۈش رولى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. دەرەخلەر ئىچىدە دەرەخ باراقسىنى پاكار دەرەخ ياكى چاتقاللارنىڭ شاۋقۇننى تۆۋەنلىتىش ئىقتىدارى دەرەخ باراقسىنى ئېگىز، زور دەرەخلەرنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى بولىدۇ. مارجان دەرىخى كۆڭۈلدىكىدەك دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مارجان دەرىخى يەنە «فرانسىيە ئىلېكس دەرىخى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇچقات ئائىلىسىگە كىرىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى3 مېتىردىن ئاشىدۇ. يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، ئۇلار تېرە ماددىلىق ھەم قېلىن، ئېللىپس شەكىللىك بولۇپ، سىرتقى يۈزى توق يېشىل، پارقىراق كېلىدۇ. ياز پەسلىدە قوڭغۇراق شەكىللىك ئاق رەڭلىك گۈللىرى ئېچىلىدۇ، گۈللىرى خۇش پۇراقلىق. ئېللىپس شەكىللىك ئۈچكىلىك مېۋە تۇتىدۇ، رەڭگى سارغۇچ قىزىل رەڭ ياكى توق قىزىل رەڭلىك بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا خۇددى ئۈنچە - مارجان تىزىقلىرىدەك كۆرۈنىدۇ. شۇڭا، مارجان دەرىخى دەپ ئاتالغان. مارجان دەرىخىنىڭ شاخ، يوپۇرماقلىرى بۈك - باراقسان بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردىكى يوپۇرمىقىمۇ، مېۋىسىمۇ گۈزەل بولغان مۇھىم مەنزىرە دەل - دەرىخى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ باغچە، ئورمان، يېشىل چىتلاق بەرپا قىلىش ۋە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش دەرەخ بەلۋېغى ئۆستۈرۈش قاتارلىقلاردىكى ئەلا سۈپەتلىك دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ئېكولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۆلچىشىگە قارىغاندا،20 مېتىر كەڭلىكتىكى يولنىڭ چېتىگە مارجان دەرىخى، تېرەك، ئوسمانتۇس دەرىخى قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسىسى بىر قاتاردىن ئۆستۈرۈلسە شاۋقۇننى5 ~7 دېتسىبېل (40 دېتسىبېلدىن ئېشىپ كەتسە ئادەم تېنىگە زىيانلىق) تۆۋەنلىتىشكە بولىدىكەن. كېدىر قارىغىيى، ئارچا، جۇڭگو ئارچىسى، كىچىك شەمشاد، شەمشاد، غاز تاپان دەرەخى، كامفورا دەرىخى، دۇب دەرىخى، قۇتلۇقگۈل دەرىخى، ئوسمانتۇس دەرىخى، چۈلۈك، بۇرجۇن قاتارلىقلارمۇ شاۋقۇننى تۆۋەنلىتىشتە بىرقەدەر ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى