UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىسىياتېيە پاپوروتنىكى

سىياتېيە پاپوروتنىكى

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى سىياتېيە پاپوروتنىكى دەرەخسىمان پاپوروتنىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر ياغاچ غوللۇق پاپوروتنىك بولۇپ، ئىنتايىن ئەتىۋارلىق. پاپوروتنىكلار بىر خىل قەدىمكى، ئىپتىدائىي ئۆسۈملۈكلەر بولۇپ، ھازىر ساقلىنىپ قالغانلىرىنىڭ كۆپچىلىكى سامان غوللۇق.200 مىليون يىللار ئىلگىرى، دىنوزاۋرلار ياشىغان دەۋرلەردە، دەرەخسىمان ياپوروتنىكلار پۈتۈن دۇنياغا تارالغان. ئۇلار يوغان، ئېگىز ھەم بۈك - باراقسان ئۆسكەن. گېئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن، مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ نەسلى قۇرۇپ، يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ كۆمۈرگە ئايلىنىپ كەتكەن، پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندىكىلىرىلا ساقلىنىپ قالغان. دەرەخسىمان پاپوروتنىك تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىرىدا ئۆسىدۇ، ئېگىزلىكى3 ~8 مېتىر كېلىدۇ، جەنۇبىي تىنچ ئوكيان ئاراللىرىدىكى ئورمانلاردا ئۆسىدىغانلىرىنىڭ ئەڭ ئېگىزلىرى20 مېتىر ئۆپچۆرىسىگە يېتىدۇ، بۇلار دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز پاپوروتنىكلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دەرەخسىمان پاپوروتنىكنىڭ غولى يۇمىلاق، كوكۇس پالما دەرىخىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، ئاساسىي غولى شاخلانمايدۇ، شالاڭ تىكەنلىرى بولىدۇ ياكى ئالتە بۇلۇڭلۇق داغلار قاپلاپ تۇرىدۇ، پەقەت دەرەخنىڭ چوققا قىسمىدىلا نۇرغۇن چوڭ ھەم ئۇزۇن پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماقلىرى توپلىشىپ ئۆسۈپ، تۆت ئەتراپىغا ئۇزىراپ كېڭىيىدۇ. دەرەخسىمان پاپوروتنىكنىڭ گۈلى بولمايدۇ، مېۋىلىمەيدۇ، ئۇرۇقىمۇ بولمايدۇ، ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرىنىڭ دۈمبە تەرىپىدە نۇرغۇن سپورا خالتىلىرى دۆۋىسى بولۇپ، قارىماققا دانە - دانە سېرىق چېكىتلەرگە ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن سپورىلار ئۆسىدۇ، دەرەخسىمان پاپوروتنىكلار مۇشۇ سپورىلارغا تايىنىپ ئەۋلاد كۆپەيتىدۇ. سپورىلار پىشقاندىن كېيىن شامال ئارقىلىق لەيلەپ تارقىلىدۇ، تۇپراققا چۈشكەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن يۈرەك شەكىللىك يېشىل ھەم ياپىلاق ئىپتىدائىي يوپۇرماقسىمان تەنچىنى ئۆستۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇ فوتوسىنتېز ئېلىپ بارالايدۇ. قورساق تەرىپىدە يالغان يىلتىزلىرى ئۆسكەن بولۇپ، مۇستەقىل ياشىيالايدۇ. ئىپتىدائىي يوپۇرماقسىمان تەنچىنىڭ قورساق تەرەپ ئالدىنقى ئۇچىدا تۇخۇمدان بولىدۇ؛ ئۇنىڭ كېيىنكى يېرىمى قىسمىدا ئىسپېرمىدان ئۆسىدۇ. شۇڭا، يەنە «گامېتىلىق تەنچە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىسپېرما يېتىلگەندىن كېيىن، نۇرغۇن قامچا تۈكچىلىرىنىڭ ياردىمىدە سۇدا ئۈزۈپ تۇخۇمداننىڭ ئىچىگە بېرىپ، تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن بىرىكىپ زىگوتا ھاسىل قىلىدۇ. زىگوتا يەنىلا ئىپتىدائىي يوپۇرماقسىمان تەنچىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈپ تەدرىجىي يېتىلىپ تۆرەلمىگە ئايلىنىدۇ، كېيىن ئۆسۈپ يېڭى بىر تۈپ دەرەخسىمان پاپوروتنىكنى ھاسىل قىلىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ يۈننەن، گۇيجۇ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلىرىنىڭ ئىللىق، نەم، سايە يەرلىرىدىمۇ سىياتېيە پاپوروتنىكى تارالغان. ئۇلار كەم ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق ئۆسۈملۈك بولغاچقا، دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. سىياتېيە پاپوروتنىكىنىڭ غولى تەركىبىدە كراخمال مول بولۇپ، يېيىشكە بولىدۇ، شۇنداقلا ئەسۋاب - ئۈسكۈنە ياساشقىمۇ بولىدۇ. دورا قىلىنىدۇ، دورىسى «لۇڭگۇفىڭ» دەپ ئاتىلىدۇ، رېماتىزمنى داۋالاش، بۇلجۇڭ گۆش ۋە سۆڭەكلەرنى كۈچەيتىش، قىزىتما قايتۇرۇپ يۆتەل توختىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى