ئۈزۈم
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئۈزۈم ھازىر دۇنيادا ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى ئەڭ زور، مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان مېۋە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، پىشىشى بالدۇر، مەھسۇلاتى يۇقىرى، ئۆمرى ئۇزۇن، ئۆسۈملۈك تۇرقى چىرايلىق، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك ھەم ئاسان كۆپىيىشتەك بىر قاتار ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغاچقا، شەھەر - يېزىلارنى كۆكەرتىش ۋە تۇرمۇشنى ياخشىلاشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك مېۋە ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىدۇ.
ئۈزۈمنىڭ رەڭگى چىرايلىق، شىرنىسى كۆپ ۋە تەمى تاتلىق بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن مول. تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى10 ~%30 كە يېتىدىغان بولۇپ، يەنە كۆپ خىل ۋىتامىنلار ۋە كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارمۇ بار. ئۈزۈم ئادەتتە ئادەم تېنىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش، نېرۋا ئاجىزلىق ۋە زىيادە ھارغىنلىقنى داۋالاش قاتارلىق ئۈنۈمگە ئىگە.
ئۈزۈم ئۈزۈم ئائىلىسىگە كىرىدىغان، يوپۇرماق تاشلايدىغان، ياغاچلاشقان پېلەك غوللۇق ياماشقۇچى ئۆسۈملۈك. ئۇ ئادەتتە چىرمىغۇچى بۇرۇتچىلىرى ئارقىلىق باشقا نەرسىلەرگە چىرمىشىپ ئۆسىدۇ. يىلتىز سىستېمىسى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، زور مىقداردىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى زاپاس ساقلايدۇ. ئۈزۈمنىڭ چىرمىغۇچى بۇرۇتچىلىرى بىلەن گۈل رېتى ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىنىڭ ياخشى - يامانلىقىغا قاراپ ئۆزئارا بىر - بىرىگە ئۆزگىرىدۇ. يەنى، ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولغاندا چىرمىغۇچى بۇرۇتچىلىرى ئۆزگىرىپ گۈل رېتىگە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ گۈللىرى سارغۇچ يېشىل رەڭدە، ئۇرۇقدان تۈۋىدە ھەسەل بېزى بار بولۇپ، مۇئەتتەر (پۇراق جەۋھىرى) ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. گۈلى مۇكەممەل گۈل، ئانىلىقى ئىقتىدارلىق گۈل ۋە ئاتىلىق گۈللەردىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىپقا بۆلۈنىدۇ. مۇكەممەل گۈلنىڭ يېتىلىشى نورمال بولۇپ، ئۇرۇقلىنىپ مېۋىلىيەلەيدۇ؛ ئانىلىقى ئىقتىدارلىق گۈلنىڭ ئاتىلىقلىرىنىڭ گۈل يىپچىلىرى ئارقىغا يۆگىشىۋالىدىغان بولغاچقا، چاڭلىنىش ئىقتىدارى بولمايدۇ؛ ئاتىلىق گۈل بولسا ئانىلىقى رودىمېنتلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن مېۋىلىيەلمەيدۇ. لېكىن، ئاتىلىق گۈللەردىكى گۈل چاڭلىرىنىڭ يېتىلىشى نورمال بولغاچقا ئانىلىقى ئىقتىدارلىق گۈلىنى چاڭلاشتۇرغۇچى تۈپ بولالايدۇ. مېۋىسى سورتلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ سارغۇچ يېشىل، قىزغۇچ، سۆسۈن، قاراكۆك قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. كۆپ ساندىكىلىرى ئېللىپس شەكىللىك ياكى يۇمىلاق شەكىللىك شىرنىلىك مېۋىدىن ئىبارەت.
ئۈزۈمنىڭ سورتلىرى ناھايىتى كۆپ. پۈتۈن دۇنيادا8000 دىن ئارتۇق سورتى بار بولۇپ، ئېلىمىزدىلا500 دىن ئارتۇق سورتى بار. داڭلىقلىرىدىن يۇمىلاق قىزىل ئۈزۈم (زىخۇڭ خۇنيۇەن) بىلەن مەرۋايىتتەك پارقىراق «لۇڭيەن» ئۈزۈمى «شىمالىي جۇڭگو گۆھىرى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۈزۈمى سۈپەت ۋە تەم جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاق كىشمىش ئۈزۈم تۇرپان ئويمانلىقىدىن چىقىدىغان بولۇپ، ئۈزۈم قۇرۇتۇشنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. بازارلاردا سېتىلىۋاتقان ھۆل پېتى ئىستېمال قىلىنىدىغان ئۈزۈم سورتلىرىدىن «جۇفېڭ» قارا ئۈزۈمى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى ياپونىيىدۇر. ئۇنىڭ مېۋە شۆپۈكى قارامتۇل سۆسۈن رەڭدە، ئېتى يۇمشاق ۋە كۆپ شىرنىلىك بولۇپ، ئۇرۇقى ئاز ھەم تاتلىق بولىدۇ. بىر ساپ مېۋە باشىقىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن600 گرام ئەتراپىدا كېلىدۇ. مېۋە دانىچىلىرى چوڭ بولۇپ، چوڭراق بىر تال مېۋىسىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن16 گرام ئەتراپىدا بولىدۇ. جۇفېڭ قارا ئۈزۈمى مول ھوسۇللۇق، بالدۇر مېۋىلەيدىغان ھەم ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇدا30 يىلغىچە يۇقىرى ھوسۇل بېرەلەيدۇ.
ئۈزۈمنى ھۆل پېتى يېگەندىن سىرت، ئۇنى يەنە پىششىقلاپ قۇرۇق ئۈزۈم ئېلىشقا، ئۈزۈم ھارىقى ئېچىتىشقا بولىدۇ. ھېسابلاشلارغا قارىغاندا،10 مىڭ توننا ساپ ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقارغاندا، ھاراق ئىشلەشكە كېتىدىغان تەخمىنەن600 توننا ئاشلىقنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن. ئۈزۈم شۆپۈكىدىن سانائەت خام ئەشياسى بولغان تارتارىك كىسلاتا ئىشلەپچىقىرىپ، فوتو سۈرەتچىلىك كەسىپلىرىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئۈزۈم ئۇرۇقىدىن ماي چىقىرىشقا ۋە تاننىن چەككىلەشكە بولىدۇ.