كالامۇس پېلىكى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
تروپىك بەلۋاغ، سۇبتروپىك بەلۋاغ ئورمانلىرىدا نۇرغۇن چوڭ دەرەخلەرگە ھەم ئىنچىكە، ھەم ئۇزۇن «قامچىلار» چىرمىشىپ يامىشىۋالغان بولۇپ، ئۇلار كالامۇس پېلىكى (چىڭگىلىك) دەپ ئاتىلىدىغان پېلەكلىك ئۆسۈملۈكتۇر. ئادەتتىكى كالامۇس پېلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى200 −300 مېتىر، ئەڭ ئۇزۇنلىرىنىڭ400 مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىكى ئۇزۇنلۇق چېمپىيونىدۇر.
كالامۇس پېلىكىنىڭ پۈتۈن ئۈستۋېشىنى ئۇششاق ئىلمەك تىكەنلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. ئىنچىكە ئۇزۇن كالامۇس پېلەكلىرى ئورمانلىقتا شامالدا پۇلاڭلىغاندا، چوڭراق دەرەخلەرگە تېگىپلا كەتسە، تەتۈر ئۆسكەن ئىلمەك تىكەنلىرى چوڭ دەرەخنى چىڭ ئىلىۋېلىپ قويۇۋەتمەيدۇ. كالامۇس پېلىكى بىر تەرەپتىن چوڭ دەرەخنى بويلاپ يۇقىرىغا يامىشىپ ئۆسسە، بىر تەرەپتىن يېڭى ئىلمەك تىكەنچىلىرى ئۆسۈپ چىقىپ تۇرىدۇ. ئادەتتىكى چوڭ دەرەخلەرنىڭ ئېگىزلىكى100 مېتىردىن ئاشمايدۇ. شۇڭا، كالامۇس پېلىكى يامىشىپ دەرەخ چوققىسىغا چىققاندىن كېيىن، بېشىنى قايرىپ دەرەخ غولىنى بويلاپ تۆۋەنگە قاراپ چىرمىشىپ ئۆسىدۇ، شۇنداق ئۆسۈشنى ئۆسۈشتىن توختىغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كالامۇس پېلىكى چوڭ دەرەخ غولىدا سانسىزلىغان پېلەك چەمبىرەكلىرىنى ھاسىل قىلىپ، پېلەك دەرەخنى چىرمىۋالغان مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
كالامۇس پېلىكى پالما ئائىلىسىدىكى پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئۇنىڭ غولى ناھايىتى ئىنچىكە، تەخمىنەن4 −5 سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئۇچىدا بىرتۇتام پەيسىمان يوپۇرمىقى بولىدۇ. ئۇچىدىن يېڭى يوپۇرماقلارنىڭ ئۆسۈپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، تۆۋەنكى قىسمىدىكى كونا يوپۇرماقلىرى ئۈزلۈكسىز تۆكۈلۈپ دەرەخنى چىرمىغان قىسمىدا پەقەت غول پېلىكىلا قالىدۇ.
مەملىكىتىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، فۇجيەن، يۈننەن قاتارلىق جايلىرىدىكى قويۇق ئورمانلارنىڭ ھەممىسىدە كالامۇس پېلىكى كۆپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ غولى ناھايىتى يۇمشاق ئەۋرىشىم بولۇپ، پىششىقلاپ ئىشلەپ پېلەك ئورۇندۇق، پېلەك كارىۋات، پېلەك سېۋەت قاتارلىق پېلەك بۇيۇملىرىنى ياساشقا (توقۇشقا) بولىدۇ. يەنە زەھەر قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ.