UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدىسكىگۈل

دىسكىگۈل

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى دىسكىگۈل گەرچە چىرايلىق، خۇش پۇراقلىق بولسىمۇ، بىراق ئۆمۈچۈك (دۆ)نىڭ ئادەمنى چېقىپ ئۆلتۈرۈشىگە ياردەملىشىدۇ. دىسكىگۈل جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئامازون دەرياسى ۋادىسىدىكى ئىپتىدائىي ئورمانلار ۋە سازلىقلار زونىسىدا ئۆسىدۇ، ئۆسۈشى ناھايىتى كۆركەم، گۈل شەكلى قۇياش دىسكىسىغا ئوخشايدۇ. كەترەنگە ئوخشاش كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان خۇشبۇي پۇرىقى بار، يوپۇرمىقى30 −40 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ. ئەگەر بىرەر ئادەم ئاشۇ ئۇششاق ھەم چىرايلىق گۈللەر، ياكى خۇش پۇراق تەرىپىدىن قايمۇقۇپ ئۈزمەكچى بولۇپ، ئازراق تېگىپلا كەتسە، مەيلى يوپۇرماققا ياكى گۈلگە تەگكەن بولمىسۇن، ئاشۇ ئىنچىكە ئۇزۇن يوپۇرماقلار دەرھاللا خۇددى قۇش چاڭگىلىدەك ئۇزىراپ كېلىپ، ئادەمنى نەم، سۇلۇق يەرگە سۆرەپ يىقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دىسكىگۈلنىڭ يېنىدا مۆكۈنۈپ تۇرغان چوڭ تىپتىكى ئۆمۈچۈك − قارا تۇل خوتۇن ئۆمۈچۈكى تېزلا يېتىپ كېلىپ ئادەمنى چېقىپ ئۆلتۈرۈپ يەيدۇ. بۇ خىل ئۆمۈچۈكنىڭ ئۈستۈنكى تاڭلىيىدا زەھەر بېزى بار بولۇپ، بىر خىل نېرۋا مەنبەلىك زەھەرلىك ئاقسىل (توكسوپروتېئىن) سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ، زەھەر سۇيۇقلۇقى ئادەم تېنىگە كىرسە، ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ جەسىتى قارا ئۆمۈچۈكنىڭ ئوزۇقلۇقىغا ئايلىنىدۇ. قارا ئۆمۈچۈك ئادەم يېگەندىن كېيىن، چىقىرىۋېتىدىغان تەرەت مايىقى دىسكىگۈلنىڭ ئالاھىدە بىر خىل ئوزۇقلۇقى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، دىسكىگۈل پۈتۈن كۈچى بىلەن قارا ئۆمۈچۈككە يېمەكلىك ئوۋلاپ بېرىدۇ. ئۇلار بىرلىشىۋالغان بولۇپ، دىسكىگۈل بار بولغانلىكى يەردە، ئادەم يەيدىغان قارا تۇل خوتۇن ئۆمۈچۈكى چوقۇم بار بولىدۇ. شۇ جايدىكى جەنۇبىي ئامېرىكىلىقلار دىسكىگۈلدىن ئىنتايىن قورقىدۇ. ئۇنى كۆرۈپ قالسىلا دەرھال يىراقلىشىپ قاچىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
دىسكىگۈل | UyghurWiki | UyghurWiki