ئەجدىھا دەرىخى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
1868 - يىلى، دۇنياغا مەشھۇر جۇغراپىيىشۇناس A. خومبولدت (tdlobmuh noV rednaxe lA) ئافرىقىنىڭ ئولتا ئارىلىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، قارا بوران ئاچا - شاخلىرىنى سۇندۇرۇۋەتكەن بىر تۈپ زور دەرەخنى ئۇچراتقان. بۇ دەرەخنىڭ ئېگىزلىكى18 مېتىر، ئاساسىي غولىنىڭ دىئامېتىرى5 مېتىرغا يېقىن، يەردىن3 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سۇنغان ئورنىنىڭ دىئامېتىرىمۇ3 مېتىر كەلگەن. خومبولدتنىڭ يىل ھالقىسىغا ئاساسەن ھېسابلىشىچە، بۇ زور دەرەخنىڭ يېشى ئاز دېگەندىمۇ 8000 يىل چىققان. ئۇ دۇنياغا مەشھۇر دۇنيا بوۋىسى دەپ ئاتالغان چوڭ شەمشادتىنمۇ ياشقا چوڭ بولۇپ، ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى «ئۆمۈر چولپىنى» ھېسابلىنىدۇ. ئەپسۇسكى ،ئۇ1868 - يىلىدىكى بوران ئاپىتىدە نابۇت بولۇپ كەتكەن.
بۇ خىل ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك دەرەخ ئەجدىھا دەرىخى دېيىلىدۇ، ئەسلىي ماكانى ئافرىقىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى كانارى تاقىم ئاراللىرى بولۇپ، تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىرىدا ياشايدۇ. پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن150 تۈرى، جۇڭگونىڭ جەنۇب تەرەپلىرىدىكى تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىرىدا بەش تۈرى بار. ئەجدىھا دەرىخى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ، ئېگىزلىكى ئومۇمەن10 −20 مېتىر كېلىدۇ، ئاساسىي غولى ئادەتتىن تاشقىرى يوغان بولۇپ، دىئامېتىرى ئادەتتە1 مېتىردىن ئاشىدۇ. دەرەخنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى كۆپ شاخلىنىدۇ. دەرەخ شەكلى Y شەكىللىك. يوپۇرمىقى سەل ئاقۇچ بولۇپ، خۇددى ئۆتكۈر ئۇزۇن خەنجەردەك شاخلارنىڭ ئۇچىغا تەتۈر قادىلىپ تۇرىدۇ. ئاقۇچ يېشىل چېچەكلەيدۇ، قىزغۇچ سېرىق شىرنىلىك مېۋە تۇتىدۇ.
ئەجدىھا دەرىخى گۈلسامساق ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۆسۈشى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ، نەچچە يۈز يىلدا ئاندىن بىر تۈپ دەرەخقە ئايلىنىدۇ، نەچچە ئون يىلدا ئاران بىر قېتىم چېچەكلەيدۇ، شۇڭا ئىنتايىن كەمدىن - كەم ئۇچرايدۇ. ئەجدىھا دەرىخى گەرچە بىر پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرگە تەۋە بولسىمۇ، ئۇنىڭ غولىدىكى نېپىز پوستلۇق ھۈجەيرىلەر ئۈزلۈكسىز بۆلۈنەلەيدىغان بولغاچقا، دەرەخ غولى يىلدىن - يىلغا توم بولۇپ ئۆسەلەيدۇ.
ئەجدىھا دەرىخى زەخىملەنسە قان ئاققاندەك تۇتۇق قىزىل رەڭلىك سىمولا (رېزىنا) ئېقىپ چىقىدۇ. شۇ جايلاردا رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ خىل دەرەخ ئەجدىھا بىلەن پىل سوقۇشقاندا قان چاچرىغان تۇپراقتىن ئۆسۈپ چىققانىكەن. شۇڭا، «ئەجدىھا (قېنى) دەرىخى» دەپ ئاتالغانىكەن. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل سىمولا ئاتاقلىق چىرىشكە قارشى رېئاكتىۋ (چىرىتمەس دورا) بولۇپ، قەدىمكىلەر ئۇنى ئىنسانلارنىڭ جەسىتىنى ساقلاشتىكى ئالىي دەرىجىلىك ماتېرىيال ئورنىدا ئىشلەتكەن. ھازىر كىشىلەر ئۇنى سىر ياساش خام ئەشياسى ئورنىدا پايدىلانماقتا. ئېقىپ چىققان سىمولا قۇرۇغاندىن كېيىنكى كاللەكچىلىرى جۇڭيى دورىگەرلىكىدە «شۆجيەن» ياكى «ئەجدىھا قېنى (چىلىنجيې)» دېيىلىدۇ. بۇلجۇڭ گۆش - پەيلەرنىڭ ئاغرىقىنى داۋالاشقا بولىدىغان ئەتىۋارلىق جۇڭيى دورىسى ھېسابلىنىدۇ.