نورۇز گۈل
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
نورۇز گۈل ياپونىيە خەلقىنىڭ غۇرۇرى. ئۇ خۇددى ھەيۋەتلىك فۇجى - سان تېغىغا ئوخشاش ئىشچانلىق، باتۇرلۇق ۋە ئەقىل - پاراسەتنىڭ سىمۋولى. ھەر يىلقى15 - مارت كۈنى، ياپونىيىنىڭ نورۇز گۈل بايرىمى. بۇ كۈنى ئەر - ئايال، قېرى - ياش ياپونىيىلىكلەرنىڭ ھەممىسى باغچىلارغا ياكى دالىلارغا بېرىپ نورۇز گۈلنى تاماشا قىلىدۇ. بۇ كۈنى توكيونىڭ ئۇئېنو باغچىسىدا نورۇز زىياپىتى، نورۇز يەرمەنكىسى، نورۇز ئۇسسۇلى قاتارلىق خىلمۇخىل پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. ياپونىيە نورۇز گۈللىرىنىڭ بىر مەشھۇر سورتى − «سەككىز قات نورۇز (باچۇڭ يىڭ)» گۈل توكيونىڭ شىنجيۇگۇ باغچىسىدا پورەكلەپ ئېچىلغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتى يەنە بۇ يەردە «نورۇز گۈل سەيلىسى» ئۇيۇشتۇرۇپ، چەت ئەللىك مېھمانلار ۋە جەمئىيەتتىكى داڭدار كىشىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ.
ياپونىيە خەلقىنىڭ نورۇز گۈلنى ياخشى كۆرۈش ھېسسىياتى ئۇزاق تارىخلارغا ئىگە. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتلار ئىلگىرى مۇخۇا كەئى يېجى ئىسىملىك ھەم گۈزەل، ھەم ئەقىللىق بىر قىز يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، قىش پەسلىدىن ياز پەسلىگىچە، جەنۇبتىن شىمالغىچە پۈتۈن ياپونىيىنى كېزىپ چىققانىكەن. بۇ جەرياندا ئۇ يول بويى نورۇز گۈل ئۇرۇقىنى چېچىپ ماڭغانىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نورۇز گۈللەر پورەكلەپ ئېچلىپ كېتىپتۇدەك.
نورۇز گۈل ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ،16 مېتىرغىچە ئۆسەلەيدۇ. لېكىن، باغچىلاردا ئومۇمەن ئېگىزلىكى5 مېتىر ئەتراپىدىكى كىچىك دەرەخ سورتلىرى يېتىلدۈرۈپ چىقىلغان. گۈلى يوپۇرماق چىقىشتىن ئىلگىرى چېچەكلەيدۇ. شاخلىرىدا5 −6 تال گۈل بىر بولۇپ ئۆسۈپ قىسقا ئومۇمىي گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ، گۈل تاج ياپراقچىلىرى ئاق ياكى سۇس قىزىل رەڭلىك، خۇش پۇراقلىق؛ يالاڭ بەرگلىك ۋە قات بەرگلىك دەپ ئايرىلىدۇ، يالاڭ بەرگلىكلىرى ئۈچكىلىك مېۋە تۇتىدۇ، پىشقان چاغدا قارا رەڭلىك بولىدۇ (يەنى گىلاس مېۋىسى)؛ قات بەرگلىكلىرى مېۋىلىمەيدۇ.
نورۇز گۈل ياپون خەلقىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تۇرمۇشى ۋە ھېسسىياتى بىلەن ئەزەلدىنلا قوشۇلۇپ كەتكەن؛ گۈلنىڭ ئېچلىپ توزۇشى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋە كۈزلۈك يېغىم مەۋسۇملىرىنىڭ يېتىپ كېلىشىدىن ئالدىن خەۋەر بېرىپ تۇرىدۇ؛ نورۇز گۈلنىڭ شىرنىسى، يوپۇرمىقى، گۈلى، ياغىچى قاتارلىقلار بولسا دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورا ماتېرىيالى، يېمەكلىك ماتېرىيالى ۋە ئۆي - جاھازلىرى ياساش ھەم ياغاچ ئويمىچىلىقنىڭ ياخشى ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.