UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىپاۋلونىيە دەرىخى

پاۋلونىيە دەرىخى

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى پاۋلونىيە (ئاق چىنار) دەرىخى مەملىكىتىمىزدىكى تېز ئۆسۈپ ماتېرىيال بولىدىغان مەشھۇر دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئاساسىي غولى تۈپتۈز، دەرەخ باراقسىنى يوغان، يوپۇرمىقى چوڭ، تۈكچىلىرى كۆپ، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىپ، چاڭ - توزانلارنى يېپىشتۇرۇپ ھاۋانى ساپلاشتۇرالايدۇ ھەمدە گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، فتور گازى، ھىدروفتورىد، نىترات كىسلاتا تۇمانلىرى قاتارلىق زەھەرلىك گازلارغا قارىتا بىرقەدەر كۈچلۈك قارشىچانلىققا ئىگە. تەبىئىي چاڭ - توزان سۈمۈرگۈچ دېيىلىدۇ. پاۋلونىيە دەرىخى چوقا ئائىلىسىگە كىرىدىغان، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ. كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن ئاق گۈللۈك پاۋلونىيە، كاتالپا يوپۇرماقلىق پاۋلونىيە، تۈكلۈك پاۋلونىيە، لەن كاۋ پاۋلونىيىسى، سىچۇەن پاۋلونىيىسى قاتارلىقلار بار. ئاق گۈللۈك پاۋلونىيە27 مېتىرغىچە ئېگىز ئۆسەلەيدۇ. كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى2 مېتىر كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئېللىپسسىمان ئۇزۇن تۇخۇم شەكىللىك، ئاددىي يوپۇرماق، ئۇدۇل ئۆسىدۇ، تۆۋەنكى يۈزىنى ئاق رەڭلىك يۇلتۇزسىمان تىۋىت تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. ئەتىياز پەسلىدە يوپۇرماقتىن ئىلگىرى چېچەكلەيدۇ. كونۇسسىمان گۈل رېتى چوققىدا ئۆسىدۇ. خۇش پۇراقلىق يوغان بىنەپشە گۈلى كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرگۈدەك چىرايلىق، سېنتەبىر - ئۆكتەبىر ئايلىرى ئارىلىقىدا غوزا مېۋىلىرى كۆپلەپ پىشىدۇ. پاۋلونىيە دەرىخىنىڭ ئۆسۈشى تېز،5 −6 يىلدىلا ماتېرىيال قىلىشقا يارايدۇ. خەلق ئىچىدە «بىر يىلدا بىرنى تىكسىڭىز، بەش يىلدا تاختاي تىلىسىز» دېگەن سۆز بار. پاۋلونىيىنىڭ ياغىچى يېنىك، يۇمشاق، ئېلاستىكلىقى ياخشى، قېيىپ قالمايدۇ، يېرىلمايدۇ، ئۆرۈش سىزىقلىرى چىرايلىق، ئىسسىق ئۆتكۈزمەيدۇ، نەملىشىشتىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ، قۇرت يېمەيدۇ، ئاسان كۆيمەيدۇ، پەنەركە ئىشلەش، ئۆي جاھازلىرى، ساندۇق تاختىلىرى ياساش ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قاتارلىقلارنىڭ سۈپەتلىك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. پاۋلونىيە ياغىچىنىڭ يېنىك، بوش، چۈرۈك، سىلىق بولۇشتىن ئىبارەت «تۆت ياخشى» تەرىپى بولغاچقا، چالغۇ ئەسۋابلىرى، ئوقۇتۇش سايمانلىرى، ئاۋاز ياڭراتقۇنىڭ قېپى قاتارلىقلارنى ياساشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى