ئېگىزلىكتىكى ئۆسۈملۈك مۆجىزىسى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئىتالىيىلىك ساياھەتچى ماركو پولو1272 - يىلى پامىر ئېگىزلىكىگـە بـارغـان، ئۇ بۇ جاينى گىـياھ ئۈنـمـەيـدىـغـان قاقاس جـاي، دەپ تەسۋىرلىگەن. ۋەھالەنكى، ھازىر بۇ جايدىكى دېڭىز يۈزىـدىـن ئىگىزلىكى2100 مېتىردىن3800 مېتىرغىچە بولغان ئېگىزلىكلەردە نـۇرغـۇن ئۆسـۈمـلـۈكـلـەر ئۆسىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈرلۈك مېۋىلىك دەرەخلەر، ئامېرىكىنىڭ دۇب دەرىخى ۋە ئەرمۇدۇن دەرىخى، سىبىرىيىنىڭ بال قارىـغـىـيـى ھەمـدە يـىـراق شەرقنىڭ ئاكانتوپاناكىس دەرىخى قاتارلىـقلار بار. بـۇ ئۆسۈملۈكلەر قـىـش پەسلىدىكى نۆلدىن تۆۋەن ℃30 لۇق قاتتىق سوغۇق ۋە ياز پەسلىدىـكـى ℃35 تىن يۇقىرى تومۇز ئىسسىققا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، كـىشـىـنى تېخىمۇ ھەيـران قالدۇرىدىغىنى، ئۇلارنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، تۈپى ۋە مېۋىسىمـۇ ئىنتايىن چوڭ. مەسىلەن، دۇب دەرىخى ھەر يىلى3 مېتىـر ئۆسـەلـەيـدۇ، بىر تۈپ ئاپتاپپەرەستىن50 دانە گۈل تەخسىسى چۈشىدۇ، بىر دانە ياڭيۇنىڭ ئېغىرلىقى2 كىلوگرام كېلىدۇ...
مۇشۇنىـڭـغا ئوخـشـاش مـۆجـىـزىـلـەر ئافرىقىدىمۇ بار. زايىر بىلەن ئۇگاندانىڭ چېگرىسىدا دېـڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى3300 مېتىر كېلىدىغان لۋېزولى دېگەن بىر جاي بار. تـۈزلـەڭـلـىـكـلـەردە كۆزگىمۇ چېلىقمايدىغان ئۆسۈملـۈك − فـوتــىـنىيـە دەرىـخـى بـۇ يـەردە25 مېتىر ئۆسىدۇ؛ سېرىقچاي ياۋروپادا ئەڭ ئېگىز بولغاندا يـېـرىـم مېتىر ئۆسىدۇ، بىراق بۇ يەردە ئېگىزلىكى15 مېتىرغا يېتىدۇ.
نېمە ئۈچۈن بۇ ئېگىزلىـكـلەردە ئۆسـكـەن ئۆسۈمـلـۈكـلـەردە مـۆجـىـزە كۆرۈلىدۇ؟ ئالىملار ئېگىزلىك رايونلىرىدا ئۆسـۈمـلـۈكـنـىـڭ ئۆسـۈشـىـنى تېزلىتىدىغان جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە ئىقلىم شـارائىتى بارلىقىنـى بايقىدى. پامىر رايونىنى ئالـساق، ھاۋاسى سـاپ ھەم قـۇرغـاق، كـاربـون (Ⅳ) ئوكسىد ئىنتايىن شالاڭ؛ لۋېزولى رايونىدا يامغۇر مىقدارى ئىنتايىـن كـۆپ، تۇپراق تەركىبىدىكى مىنېرال ماددىلار مول، ھاۋا تېمپېراتۇرىسـى ئىـنتايىـن يۇقىرى. بۇنىڭدىن باشقا، ئېگىزلىك رايونلىرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنـىـڭ رادىئاتسىيىسى تۈزلەڭلىكنىڭكىدىن كۈچلۈك، كۆپ مىقداردىكى بىنەپشە نۇر ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشـىـنـى تـىـزگـىـنـلەيـدىـغان ھۈجـەيـرە خروموسومىدا جىددىي ئۆزگىرىشنـى بـارلىقـقـا كەلـتـۈرىدۇ، شـۇ سەۋەبتىن ئۆسۈملۈك تېز ئۆسۈشى مۇمكىن.
ئېگىزلىكتىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆزگىچە ئۆسۈشىنىـڭ سـەۋەبـى زادى نېمە؟ بۇنى ئالىملارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈشى ۋە تـەجـرىـبـە قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ جەھەتـتـىـكـى تـەتـقـىـقـات شـۈبـھىـسىزكى، ئىنسانلارنىڭ دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ھەمدە ئىقتىسـادىـي زىـرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.