UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىكەترەن

كەترەن

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى كەترەننىڭ خۇش پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلسا ئادەمنى مەپتۇن قىلىدۇ. ئۇنىڭ «خۇش پۇراقلار بوۋىسى»، «جاھاندىكى بىرىنچى خۇش پۇراق» دېگەن ناملىرى بار. كىشىلەر ئۇنى ئېسىلزادىغا ئوخشىتىپ ئەڭ پاك - ئالىيجاناب، نازاكەتلىكنىڭ سىمۋولى قىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئەزەلدىنلا «لەنجاڭ» (كەترەن بابى) دەپ شېئىر - پروزىلارنىڭ گۈزەللىكىگە ئوخشىتىدۇ، «لەنجىياۋ» (كەترەن مۇناسىۋەت) دەپ دوستلۇقنىڭ چىنلىقىنى سۈپەتلەيدۇ. تۈلكىمايىقى ئائىلىسى ئۆسۈملۈكلەر تاكسونومىيىسىدىكى ئەڭ چوڭ «ئائىلە» لەرنىڭ بىرى بولۇپ، تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، بەزى ئالىملار ئۆمۈر بويى كۈچ چىقىرىپمۇ ئېنىقلاپ بولالمىغان، لېكىن ئومۇمەن قىلىپ ئالغاندا، بىز دائىم دەۋاتقان كەترەن، كەترەن ئۇرۇقدىشىدىكى گۈل ھېسابلىنىدۇ. كۆپىنچە تاغ يانباغىرلىرىدىكى تاشلىق ئوتلىرى ئارىسىدا ئۆسىدۇ. ئۇلارنىڭ چوڭ ئىككى خىلى بار: بىر خىلى يەردە ئۆسىدۇ، يەنە بىر خىلى باشقىلارغا يېپىشىپ ئۆسىدۇ. بىز دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان كەترەننىڭ تولىسى يەردە ئۆسىدىغانلىرىدۇر. يەردە ئۆسىدىغانلىرىنى چېچەكلەش پەسلىگە قاراپ ئەتىيازلىق كەترەن، يازلىق كەترەن (يەنە بىر نامى توققۇز بوغۇملۇق كەترەن)، كۈزلۈك كەترەن ۋە قىشلىق كەترەن دەپ بۆلۈشكە بولىدۇ. كەترەننىڭ تۈزۈلۈشى ئادەتتىكى گۈللەرنىڭكىگە ئوخشاشمايدۇ. ئادەتتىكى گۈللەرنىڭ گۈل كاسا ياپراقچىلىرى ۋە گۈل تاج ياپراقچىلىرى دەپ ئايرىمىسى بولىدۇ. كەترەننىڭ گۈل كاسا ياپراقچىلىرى بىلەن گۈل تاج ياپراقچىلىرىنىڭ يېرىمى بولمايدۇ، ئىككىسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ گۈل يېپىنچىسى دېيىلىدۇ. گۈل يېپىنچىسى ئالتە تال گۈل يېپىنچا ياپراقچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىچكى - تاشقى ئىككى ئايلانمىغا بۆلۈنىدۇ. ھەر ئايلانمىسىدا ئۈچ تال گۈل يېپىنچا ياپراقچىسى بولىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ كەترەن ئۆستۈرۈشى2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، ئۆتكەن سۇلالىلەرنىڭ ھەممىسىدە كەترەننى ئۆستۈرۈش، كەترەننى مەدھىيىلەش ھەققىدە يېزىلغان خاتىرىلەر بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغۋەنچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەترەننى كىرگۈزۈپ ئۆستۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئىشلىرى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلدى ھەمدە دائىم كەترەن كۆرگەزمىلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى. جۇڭگونىڭ كەترەنلىرى چەت ئەللەرگە ئۈزلۈكسىز چىقىرىلىپ، خەلقئارادىكى دوستلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ماختىشىغا سازاۋەر بولماقتا. كەترەن مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنغاندىن باشقا، يەنە ئۇنىڭ گۈل، يوپۇرماق، مېۋە ۋە يىلتىزلىرىدىن دورا ياساشقا بولىدۇ، ئۇ قىزىتما ياندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش، بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل توختىتىش، قان توختىتىپ ئاغرىق پەسەيتىش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
كەترەن | UyghurWiki | UyghurWiki