بۇرجۇن
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئالىملار كۆپىنچە ئەھۋالدا، مۇھىتقا قارىتا ئىنكاسى سەزگۈر بولغان بەزى ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىپ، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ دەرىجىسى، دائىرىسى ھەمدە بۇلغىغۇچى ماددىنىڭ خىلى ھەم زەھەرلىك دەرىجىسى قاتارلىقلارنى ئۆلچەش ۋە ئىگىلەشكە ياردەملەشتۈرىدۇ. بۇنداق ئۆسۈملۈكلەر «ئىش ئورنىدىن قالمايدىغان تەكشۈرۈپ ئۆلچىگۈچىلەر» دېيىلىدۇ.
بۇرجۇن بولسا خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، سىمابتىن بۇلغىنىشنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەيدىغان بىر جەڭچى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۆتكۈر زەھەرلىك سىماب ھورىغا بولغان ئىنكاسى ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ، سىماب ھورىغا يولۇقۇپ قالسا يوپۇرماق، غول، گۈل تاجلىرى، گۈل سېپى ۋە يۇمران غۇنچىلىرىنىڭ ھەممىسى قوڭۇر ياكى قارا رەڭگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا يوپۇرماق، غۇنچىلىرى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. بۇرجۇن زەھەرچانلىقى ناھايىتى زور بولغان ھىدروفتورىد، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد ۋە خلور گازى قاتارلىقلارنى سۈمۈرەلەيدۇ.
بۇرجۇن ئەرمۇدۇن ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چاتقال ياكى دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى6 ~10 مېتىر كېلىدۇ. يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسىدۇ. تېرە ماددىلىق، تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكىللىك؛ باش يازدا ئاق چېچەكلەيدۇ، گۈلى خۇش پۇراقلىق، كونۇسسىمان گۈل رېتى؛ ئۈچكىلىك مېۋىسى ئۇزۇن يۇمىلاق شەكىللىك، پىشقاندا قارا كۆك رەڭگە كىرىدۇ.
جۇڭگو ئاق مومى دۇنياغا مەشھۇر ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇرجۇن دەرىخىدە ئاق موم قۇرتى بېقىپ، ئاق موم ئىشلەپچقىرىشقا بولىدۇ. ئاق مومنىڭ ئېرىش نۇقتىسى يۇقىرى بولۇپ، تروپىك بەلۋاغدىمۇ، شۇنداقلا يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىمۇ ئاسانلىقچە ئېرىمەيدۇ. شۇڭا، قاچىلارنىڭ ئاغزىنى ھىملەشتە (ھىم ئېتىشتە)، يىپەكلەرنى پارقىرىتىشتا، دورا كۇمىلاچلىرىنىڭ سىرتىغا يالىتىشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئىقتىسادىي قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى.
بۇرجۇننىڭ ياغىچى پۇختا بولۇپ، ئىنچىكىلەپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدىغان ياغاچچىلىق ئىشلىرىنىڭ ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. مېۋىسى ئەنئەنىۋى دورا ماتېرىيالى بولۇپ، جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، بۆرەككە قۇۋۋەت بېرىش ئۈنۈمىگە ئىگە. بۇرجۇننىڭ شاخلىرى يېيىلىپ ئۆسىدۇ، دەرەخ باراقسىنى دۈم تۇخۇم شەكىللىك، ياز كۈنلىرى نەپىس گۈللىرى خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ، قىش پەسلىدە قىرو يېپىنىپمۇ ياپيېشىل كۆكىرىپ تۇرىدۇ. بۇرجۇن كۆپ ئۇچرايدىغان باغچە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىدۇ. باغۋەنچىلىك خادىملىرى بۇرجۇننى ئۇلاق تېگى، ئوسمانتۇس گۈلىنى ئۇلاق بېشى قىلىپ ئۇلاپ، «تۆت پەسىللىك ئوسمانتۇس گۈلى» نى يېتىلدۈرۈپ چىقتى.
بۇرجۇن يەنە شاۋقۇننى تۆۋەنلىتىدىغان بىرقەدەر ياخشى دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ياپونىيىنىڭ ئوساكا ئايرودرومىدا شاۋقۇننى پەسەيتىش ئۈچۈن ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋە چۈشۈش يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە4000 تۈپكە يېقىن بۇرجۇن ۋە كېدىر قارىيىغى تىكىپ ئۆستۈرۈپ، شاۋقۇننى10 دېتسىبېل پەسەيتكەن.