سۆگەتگۈل
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سۆگەتگۈل (تالگۈل)نىڭ يۇرتى ھىندىستان ۋە ئىران بولۇپ،15 - ئەسىرگە كەلگەندە بىر خىل نەپىس مەنزىرە ئۆسۈملۈكى سۈپىتىدە مەملىكىتىمىزگە ئېلىپ كىرىلگەن. يوپۇرمىقى بامبۇكنىڭكىگە، گۈلى شاپتۇل چېچىكىگە ئوخشاش بولغاچقا، خەنزۇچە «جياجۇتاۋ» (بامبۇك - شاپتۇل ئارىلىقىدىكى ئۆسۈملۈك دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغان.
سۆگەتگۈل يوپۇرمىقىنىڭ يۈزىدە موم ماددىسى بولىدۇ. سۆگەتگۈلنىڭ ھەم قۇرغاقچىلىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، ھەم زەھەرلىك گازلار ۋە چاڭ - توزانلار يامراپ كەتكەن ناچار مۇھىتتىمۇ نورمال ياشاۋېرىدۇ. تەجرىبە قىلىنىشىچە، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد بىلەن ئېغىر بۇلغانغان مۇھىتتا، باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈللىرى تۆكۈلۈپ يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كېتىدىكەن، لېكىن، سۆگەتگۈلنىڭ شاخ - يوپۇرماقلىرى يەنىلا باراقسان بولۇپ ئادەتتىكىدەك ئۆسۈۋېرىدىكەن. ئۇنىڭ چاڭ - توزان، ئىس - قۇرۇملارنى يېپىشتۇرۇۋېلىش ئىقتىدارىمۇ بىرقەدەر كۈچلۈك. ھەر كۋادرات مېتىر يوپۇرماق يۈزى5 گرام چاڭ - توزانلارنى يېپىشتۈرۈپ ئالالايدۇ. شۇڭا، ئۇ «يېشىل رەڭلىك چاڭ - توزان سۈمۈرگۈچ» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھاۋانى سۈزۈش رولى بولغاچقا، كان، زاۋۇت رايونلىرىدا، باغچىلاردا، مەكتەپ قورۇلىرىدا، ھويلا - ئاراملاردا تىكىپ ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
سۆگەتگۈلنىڭ پۈتۈن تېنىدە ئۆتكۈر زەھەرلىك ماددا − سۆگەتگۈل ئالكالوئىدى بولۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھاشارات يوقاتقۇچى دورا ياساشقا بولىدۇ. ئەگەر ھۆل يوپۇرمىقىنى ئېزىپ تەرەت كۆلچىكى ياكى پاسكىنا سۇغا تاشلاپ قويغاندا، چىۋىن لىچىنكىلىرى ۋە پاشا لىنچىنكىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ. لېكىن، ئادەملەر ئۇقۇشماسلىقتىن يەپ سالسا، زەھەرلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە ئەڭ ياخشىسى تالگۈلنىڭ گۈلى، يوپۇرمىقى ۋە شاخلىرىنى تۇتماسلىق ياكى ئۈزمەسلىك كېرەك.
لېكىن، ئامېرىكىنىڭ مۇھىت كومىتېتى1989 - يىلى ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، سۆگەتگۈل تەركىبىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بار بولغانلىقى ئۈچۈن، شەھەر - بازارلاردا ئۆستۈرۈش مەنئى قىلىنغان، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جەرىمانە قويۇپ جازالاش ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان.