UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىقىزىلگۈل

قىزىلگۈل

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى ئەنگلىيىلىكلەر ۋە ئامېرىكىلىقلار رەڭگى كۆركەم، خۇش پۇرىقى ئۆتكۈر بولىدىغان قىزىلگۈلنى (گۈلسۇرۇخ)نى «دوستلۇق گۈلى» ۋە «سۆيگۈ گۈلى» دەپ قاراشقا ئادەتلەنگەن. كۆپ ھاللاردا قىزىلگۈلنى ئېسىل سوۋغاتلىق دەپ قارايدۇ. ئاشىق - مەشۇقلار تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ، ئۆزئارا قىزىلگۈل سوۋغا قىلىپ مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەت خەلقى يەنە قىزىلگۈلنى گۈللەر ئىچىدىكى خانىشقا ئوخشىتىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىرلەر مەزگىلىدىكى ئەنگلىيىدە يەنە بىر مەيدان «قىزىلگۈل ئۇرۇشى» يۈز بەرگەن. چۈنكى، ئۇرۇشقان ئىككى تەرەپ قىزىلگۈلنى ئۆز جەمەتىنىڭ بەلگىسى قىلغان؛ بىرى، قىزىل رەڭلىك قىزىلگۈلنى بەلگە قىلغان؛ يەنە بىرى، ئاق رەڭلىك قىزىلگۈلنى بەلگە قىلغان. كېيىن، ئىككى جەمەت يارىشىپ قالغان ھەم بىرلىشىپ بىر جەمەت بولۇپ، خانلىق ئورنىنى باشقۇرغان ھەم قىزىل رەڭلىك قىزىلگۈلنى خانلىق جەمەتىنىڭ بەلگىسى قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، قىزىل رەڭلىك قىزىلگۈل داۋاملىق ئىنگلاند خانلىق جەمەتىنىڭ بەلگىسى قىلىنىپ كەلگەن، ئەنگلىيىنىڭ دۆلەت گۈلى دەل مۇشۇ خانلىق جەمەت ئىشلەتكەن سىزما نۇسخا بەلگىسىدىن ئېلىنغان. ئامېرىكا كەڭ تۈردە خەلق رايىنى سىناش ئاساسىدا،1986 - يىلى23 - سېنتەبىر كۈنى پارلامېنتنىڭ ئاۋام پالاتاسى قىزىلگۈلنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت گۈلى قىلىپ بېكىتىشنى تەستىقلىدى. ئامېرىكىدا بەزى شتاتلار قىزىلگۈلنى ئاللىبۇرۇنلا شتات گۈلى قىلىپ بېكىتىپ بولغان. قىزىلگۈل − ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال، پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، يوپۇرماقنىڭ دۈمبە تەرىپىدە زىچ ئۆسكەن تىۋىت تۈكچىلىرى، شاخلىرىدا زىچ ئۆسكەن قوۋزاق تىكەنلىرى بولىدۇ. شۇڭا، تىكەنلىك قىزىلگۈل دېيىلىدۇ. قىزىلگۈلنىڭ گۈلى شاخنىڭ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ. قىزىل، ئاق، بىنەپشە قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. ھەممىسىدە ئادەمنى مەپتۇن قىلغۇدەك خۇش پۇرىقى بار. قىزىلگۈل گۈللۈكلەردە ۋە ھويلا - ئاراملاردا ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق، لوڭقىلارغا چىلاپ مېھمانخانىلارنى بېزەشكە ياخشى. قىزىلگۈلنى دۆلەت گۈلى قىلىپ بەلگىلىگەن دۆلەتلەردىن ياۋروپادا يەنە ليۇكسىنبورگ ۋە بۇلغارىيە، ئوتتۇرا ئاسىيادا يەنە ئىران، ئىراق ۋە سۇرىيىلەر بار. ئىراننىڭ قىزىلگۈللىرى نېفىت ۋە گىلەملىرىگە قوشۇلۇپ «ئىراننىڭ ئۈچ گۆھىرى» دېيىلىدۇ. قىزىلگۈل يەنە ناھايىتى يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە. ئۇنىڭدىن مۇئەتتەر (پۇراق جەۋھىرى) ۋە قىزىلگۈل مېيى ئېلىشقا بولىدۇ. قىزىلگۈل مېيىنىڭ باھاسى ئالتۇن باھاسىدىن5 −6 ھەسسە يۇقىرى بولغان ۋاقىتمۇ بولغان. قىزىلگۈل مېيى بىلەن مۇئەتتەر ئاساسلىقى گىرىم بۇيۇملىرى سانائىتى، كۈندىلىك خىمىيىۋى بۇيۇملار سانائىتى، يېمەكلىك سانائىتى ۋە دورىگەرلىك، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىلىدۇ. قىزىلگۈلنىڭ يەنە چاڭ - توزانلارنى توسۇش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، ھىدرو فتورىد قاتارلىق زەھەرلىك گازلارغا نىسبەتەنمۇ بىرقەدەر كۈچلۈك سۈمۈرۈش ئىقتىدارى بولۇپ، مۇھىتنى ساپلاشتۇرىدىغان «تازىلىق ئىشچىسى» ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى