پىپالا دەرىخى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ھىندىستان، سرى لانكا، بېرمىلارنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قويۇق ئورمانلاردىكى بۇتخانىلاردا ئومۇميۈزلۈك پىپالا دەرىخى (قەدىمكى ئۇيغۇرچىدا بودى سۆگەت دەپ ئاتىلىدۇ) تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ، پىپالا دەرىخى «بۇددا كىتابى» دا «بودى دەرىخى» دېيىلگەن. ئۇنى ئىخلاسمەن بۇددا مۇرىتلىرى مۇقەددەس دەرەخ دەپ قاراپ ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇددا پىرى شاكيەمۇنى پىپالا دەرىخى ئاستىدا ئولتۇرۇپ تەربىيىلىنىپ بۇرخان بەختى (بۇدساتۋا) بولۇپ يېتىلىپ چىققانىكەن.
پىپالا دەرىخى ئۈجمە ئائىلىسىگە كىرىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ. ئېگىزلىكى ئومۇمەن15 مېتىر، دىئامېتىرى2 مېتىر، دەرەخ قوۋزىقى سارغۇچ ئاق رەڭلىك، غولى ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولۇپ تۈز ئەمەس. دەرەخ شاخلىرىدىكى ھاۋا يىلتىزلىرى ساقالدەك ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، يان شاخلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تۆت ئەتراپقا يېيىلىپ ئۆسىدۇ، دەرەخ باراقسىنى يۇمىلاق ياكى دۈم تۇخۇم شەكىللىك، شاخ، يوپۇرماقلىرى بولۇق ھەم كۆركەم، قويۇق سايىسى يەرنى قاپلاپ تۇرىدۇ. يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئۈچبۇلۇڭسىمان تۇخۇم شەكىللىك، توق يېشىل، پارقىراق، چاڭ - توزانلار يېپىشمايدۇ، مۇقەددەس دەرەخنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ. يوپۇرماق شەكلى چىرايلىق بولۇپ، كۆپىنچە شېئىر يازىدىغان، رەسىم سىزىدىغان ماتېرىيال قىلىنىدۇ، گۈلى يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، ئەسلىي تۇرقىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، يوشۇرۇن باشسىمان گۈل رېتى دېيىلىدۇ. يوشۇرۇن گۈللۈك مېۋىسى ياپىلاق يۇمىلاق شەكىللىك بولۇپ، قىش پەسلىدە پىشىدۇ، رەڭگى قارامتۇل سۆسۈن.
پىپالا دەرىخىنىڭ ئەسلىي ماكانى ھىندىستان، شۇڭا، ئادەتتە ھىندىستان پىپالا دەرىخى دېيىلىدۇ، تەپەككۇر دەرىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ياڭ دەۋرىدىكى پادىشاھ ۋۇدى تيەنجيەننىڭ بىرىنچى يىلى (502 - يىلى)، ھىندىستانلىق راھىب جياۋسەنزاڭ پىپالا دەرىخىنى غەربىي ھىندىستاندىن ئېلىپ كېلىپ گۇاڭجۇدىكى گۇاڭ شياۋ بۇتخانىسىنىڭ سۇپىسى ئالدىغا كۆچۈرۈپ ئۆستۈرگەنىكەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەملىكىتىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، يۈننەن قاتارلىق جايلىرىدا پىپالا دەرىخى ئۆستۈرۈلۈشكە باشلىغان.
پىپالا دەرىخىنىڭ غولىدا سۈت شىرنىسى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن قاتتىق خۇسۇسىيەتلىك كاۋچوك (رېزىنكە) ئالغىلى بولىدۇ؛ گۈلىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ. تەرلىتىش، قىزىتما ياندۇرۇش ئۈنۈمى بار. بۇتخانا (ئىبادەتخانا)، كوچا- يوللار، باغچىلاردا يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۆستۈرۈشكە باب كېلىدۇ.