قىزىل دېڭىز چاچلىق يۈسۈنى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
كىشىلەر دائىم كۆپكۆك دېڭىز - ئوكيانلار دەپ سۆزلەيدۇ. لېكىن، ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئەرەب يېرىم ئارىلى بىلەن ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئارىلىقىدا قىزىل رەڭلىك دېڭىز تەۋەلىكى پەيدا بولغان. بۇ زادى قانداق ئىش؟ ئەسلىدە بۇنى دېڭىز سۈيىدىكى زور مىقداردىكى قىزىل دېڭىز چاچلىق يۈسۈنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بۇ خىل يۈسۈن كۆك يۈسۈنلەر خىلىغا كىرىدۇ، لېكىن تېنىدىكى فىكوئېرىتروبىلىن (يۈسۈن قىزىلى) مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى. ئۇلارنىڭ ئۆسۈملۈك توپى (تۈركۈمى) گەرچە ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن كۆپلەپ كۆپەيگەن چاغدا دېڭىز يۈزىگە توپ - توپ بولۇپ لەيلەپ چىقىپ، دېڭىز سۈيىنى قىزىلغا بويىۋېتىدۇ. قىزىل دېڭىز چاچلىق يۈسۈنلىرى توپى ئاسانلا ئۆلۈپ پارچىلىنىپ كېتىدۇ. يۈسۈن تېنى ئۆلگەندىن كېيىن، دېڭىز سۈيىدىن سېسىق - بەتبۇي پۇراقلار كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ، مانا بۇ قىزىل بۇژغۇندۇر. ئۇ ئادەتتە باش باھار ياكى كەچ كۈز پەسىللىرىدە قىرغاققا يېقىن دېڭىز تەۋەسىدە يۈز بېرىدۇ. ئۇ چاغدا، دېڭىزدا پارچە - پارچە قىزىل سۇلار تولۇپ كېتىدۇ، يىراقتىن قارىغاندا قىپقىزىل دېڭىز - ئوكياندەك كۆرۈنىدۇ. قىزىل دېڭىز دېگەن ناممۇ شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان.
قىزىل دېڭىز چاچلىق يۈسۈنى مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبىي دېڭىز، شەرقىي دېڭىز بويلىرىدىمۇ دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ھەر يىلى كۈز، قىش پەسىللىرىدە ئۇلار زور مىقداردا كۆپىيىپ چاچلىق يۈسۈن قىزىل بۇژغۇنىنى شەكىللەندۈرۈپ، قىرغاق بويلىرىغىچە لەيلەپ بارىدۇ، ئېغىر بولغاندا دېڭىز سۈيى سۇس قىزىل رەڭگە بويىلىپ كېتىدۇ. قىزىل بۇژغۇن تىنچ ئوكياننىڭ شەرقىي تەرىپىدىن كەلگەچكە فۇجيەن دېڭىز ياقىلىرىدىكى بېلىقچىلار ئۇنى «شەرقىي ئوكيان سۈيى» دېيىشىدۇ.
قىزىل بۇژغۇننىڭ پەيدا بولۇشى ھەمىشە دېڭىزدا ياشايدىغان ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرگە ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر دېڭىز يۈزىدە شامال يوق، ھاۋا تىنجىق، ئىسسىق چاغلارغا توغرا كېلىپ قالسا، قىزىل دېڭىز چاچلىق يۈسۈنى تازا كۆپىيىپ كېتىدۇ، نەتىجىدە قىزىل بۇژغۇن مەزگىلى بىر ئايغا سوزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ خىل يۈسۈن زور مىقداردا كۆپەيگەندىن كېيىن، ئەگىشىپلا كېلىدىغىنى تۈركۈملەپ ئۆلۈپ كېتىش بولىدۇ، يۈسۈن تېنى پارچىلىنىپ ھىدروسولفىد قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار (توكسىن)نى ھاسىل قىلىدۇ. بۇنىڭ دېڭىزدىكى پورفىرا يۈسۈنى (زىسەي)لەرگە بولغان زىيىنى ناھايىتى زور، دېڭىزدىكى يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلار، مەسىلەن، قوش قاپلىق موليۇسكىلار (سىنونوۋاكۇلا قۇلۇلىسى)، تەخسىسىمان ساقاقلىق يۇمشاق تەنلىكلەر زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.