UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىئىلېكس دەرىخى

ئىلېكس دەرىخى

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى ئىلېكس دەرىخىنىڭ شاخ، يوپۇرماقلىرى باراقسان، زىچ، دەرەخ شەكلى رەتلىك بولۇپ، تارىختىن بۇيان شەھەر - يېزىلارنى كۆكەرتىش ئۆسۈملۈكى ۋە ھويلا - ئارام، باغچىلاردىكى مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىپ كەلگەن. مەملىكىتىمىزنىڭ مىڭ سۇلالىسىدىكى جېجياڭنىڭ باش دىۋانى شۇسىما پەرمان چۈشۈرۈپ خاڭجۇ شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئۆز ئىشىك ئالدىلىرىغا پۈتۈنلەي ئىلېكس دەرىخى تىكىشكە بۇيرۇغان. نەچچە يىلدىن كېيىن، كوچىلار بۈك - باراقسان، ياپيېشىللىققا تولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى پايدىسىنى كۆرگەن. قەدىمكىلەر ئىلېكس كۆچەتلىرىنى تۈز رەتلەپ تىكىپ ئۆستۈرۈپ «ئىلېكس تام» دەپ ئاتىغان. ئۇ ھازىرقى كىشىلەر ئېيتىۋاتقان «يېشىل چىتلاق» تۇر. ئىلېكس دەرىخى يەنە سۆسۈن گۈللۈك ئىلېكس ۋە قىزىل ئىلېكس دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئىلېكس ئائىلىسىگە كىرىدىغان دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى20 −30 مېتىرغا يېتىدۇ، دىئامېتىرى30 سانتىمېتىر كېلىدۇ. دەرەخ قوۋزىقى كۆكۈچ كۈل رەڭ. جياڭسۇ - جېجياڭ تەرەپلەردە بۇرجۇننىمۇ ئىلېكس دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ،بۇلار ئىككىسى ئوخشىمىغان ئائىلىدىكى ئۆسۈملۈك. بۇرجۇن ئەرمۇدۇن ئائىلىسىدە بولۇپ، ئادەتتە ئېگىزلىكى ئاران6 مېتىر كېلىدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ. ئىلېكسنىڭ يوپۇرمىقى تار ھەم ئۇزۇن، ئېللىپس شەكىللىك، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ياز پەسلىدە چېچەكلەيدۇ. ئاتىلىق - ئانىلىقى ئايرىم تۈپتە، گۈلى سۇس بېغىررەڭلىك، گۈلى كىچىك، چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى؛ بۇرجۇننىڭ يوپۇرمىقى بولسا تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكىللىك ئۇدۇل ئۆسىدۇ. باش يازدا ئاق رەڭلىك چېچەكلەيدۇ. كونۇسسىمان گۈل رېتى. ئىلېكس دەرىخى مەملىكىتىمىزنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى جايلارغا تارالغان. ھويلا - ئارام، باغچىلارنى كۆكەرتىش ۋە مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىشقا ئىشلەتكەندىن باشقا، يەنە ئۇنىڭ ياغىچى قاتتىق ھەم پۇختا بولۇپ، نەپىس بۇيۇملارنى ئىشلەش ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ. ئىلېكس يوپۇرمىقى، يىلتىزى، قوۋزىقى دورا قىلىنىدۇ، تەبىئىتى سوغۇق، تەمى ئاچچىق، قاننى سوۋۇتۇپ قان توختىتىش، قىزىتمىنى ياندۇرۇپ، زەھەر قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئىلېكس يوپۇرمىقى تەركىبىدە پروتوكا تېخۇئىك كىسلاتا بار بولۇپ، مىكروبلارنى تورمۇزلاش رولىغا ئىگە. ئىلېكس يەنە گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد قاتارلىقلارغا نىسبەتەن تاقابىلچانلىققا ئىگە.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى