UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىقەھۋە

قەھۋە

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى قەھۋە (كافېي) دۇنياغا مەشھۇر ئۈچ ئىچىملىك (چاي، كاكائو، قەھۋە)نىڭ بىرى. مىلادىيىدىن2000 يىل ئىلگىرىلا ئېفىئوپىيىدىكى ئاجياۋ مىللىتى كېفا ئۆلكىسىنىڭ تروپىك بەلۋاغ ئېگىزلىكلىرىدە ياۋا قەھۋە ئۆسۈملۈكىدىن قەھۋە پۇرچىقى يىغقان ۋە ئۇنى تېرىپ ئۆستۈرگەن. قەھۋە دېگەن بۇ ناممۇ ئەرەبچە «كېفا» دېگەن يەر نامىدىن كەلگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر پادىچى پادا بېقىۋېتىپ تۇيۇقسىز قەھۋە پۇرچىقى يەۋالغان بىر قوينىڭ توختىماي ئويناقلاپ يۈرگەنلىكىنى بايقاپ قالغان. ئاندىن ئۇمۇ قىزىقىپ بىرنەچچە تالنى تېتىپ باققان، نەتىجىدە ئۇمۇ ئاجايىپ روھلىنىپ كەتكەن. بىر ئەرەب سودىگىرى بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ بىر خىل «گۆشلۈك قەھۋە پۇرچىقى شورپىسى» تەييارلاپ بازارغا سالسا، ئويلىمىغان يەردىن بازىرى چىقىپ پۈتۈن بازارنى زىلزىلىگە سالغان. كېيىن، بەزى كىشىلەر قەھۋە پۇرچىقىنى قورۇپ ئۇۋۇتقاندىن كېيىن سۇ قوشۇپ قايناتقان ھەم ئۇنىڭغا ئازراق شېكەر قوشقان، نەتىجىدە ئۇ خۇش پۇراقلىق بىر خىل ئىچىملىككە ئايلانغان.1615 - يىلى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ۋېنىتسىيە پورتىدا دۇنيا بويىچە تۇنجى قەھۋەخانا ئېچىلغان. بۇ خىل ئىچىملىك دەسلەپ تۈركىيىدىن كەلگەن قارا ئىچىملىك بولغاچقا، ئىتالىيىلىكلەر ئۇنى «تۈرك قارا قېنى» دەپ ئاتىغان. قەھۋە دەرىخى رويان ئائىلىسىگە تەۋە دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چاتقالدۇر. تېرىپ ئۆستۈرۈلگەن قەھۋە دەرىخى دائىم قىرقىپ تۇرۇلىدىغان بولغاچقا، ئادەتتە ئېگىزلىكى2 مېتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. قەھۋە دەرىخى تېرىلىپ3 −4 يىلدىن كېيىن ئاندىن چېچەكلەيدۇ. گۈل - چېچەكلىرى گەرچە نەچچە كۈنلا ساقلىنىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىنتايىن چىرايلىق ھەم خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ. مېۋىسى تۇخۇم شەكىللىك، غورىسىنىڭ رەڭگى توق قىزىل بولۇپ،6 −7 ئايدىن كېيىن پىشىدۇ. پىشقاندا تەدرىجىي ھالدا قېنىق بېغىر رەڭگە ئۆزگىرىدىغان بولغاچقا، شەكلى ۋە رەڭگى گىلاسقا ناھايىتى ئوخشايدۇ. قەھۋە مېۋىسىنىڭ مېۋە ئېتى (گۆشى) تاتلىق بولۇپ، ئىچىدە ئىككى دانە ئۇرۇقى (قەھۋە پۇرچىقى) بولىدۇ. يىغىۋېلىنغان قەھۋە پۇرچىقىنى ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، ئوتتا قورۇپ يانجىسا، قەھۋە پاراشوكىغا ئايلىنىدۇ. بۇ بىر خىل ئىسپىرتسىز ئەلا سۈپەتلىك ئىچىملىك بولۇپ، ئۇنى تىنچلاندۇرغۇچى ۋە روھلاندۇرغۇچى دورا قىلىشقا بولىدۇ. قەھۋە تەخمىنەن13 - ئەسىرلەردە بىر خىل روھلاندۇرۇش تىپىدىكى ئىچىملىك سۈپىتىدە ئەرەب يېرىم ئارىلىغا تارقالغان بولۇپ، ئىسلام مۇرىتلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. چۈنكى، ئىخلاسمەن مۇرىتلار بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىۋالسىلا روھى كۆتۈرۈلۈپ، دىنىي مۇراسىملارنى تۈن بويى داۋاملاشتۇرالايتتى.17 - ئەسىردە قەھۋە ياۋروپادا تېرىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ۋە ئاۋسترالىيە قىتئەلىرىگە تارقالغان. جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى برازىلىيە دۇنياغا مەشھۇر قەھۋە ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى بولۇپ، مەھسۇلاتى پۈتۈن دۇنيانىڭ3 /1 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئېلىمىزنىڭ قەھۋە ئۆستۈرۈش تارىخى كېيىنرەك بولۇپ،1884 - يىلى تۇنجى بولۇپ تەيۋەندە ئۆستۈرۈلگەن. ھازىر گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن، تەيۋەن، شيامېن قاتارلىق جايلاردا ئۆستۈرۈلمەكتە. قەھۋە تەركىبىدىكى كوففېئىننىڭ روھلاندۇرۇش، قوزغىتىش رولى بولغاچقا، قەھۋە ئىچكەندە ئىلمىيلىككە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەتىگەندە سۈت قوشۇلغان بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرسە ھەم روھلاندۇرىدۇ، ھەم ئوزۇقلۇق تولۇقلىنىدۇ؛ خىزمەتتىن كېيىن بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرسە قان تومۇرلارنىڭ سوقۇشىنى تېزلىتىپ، خىزمەتتىكى ھارغىنلىقنى يوقىتىپ، روھىنى كۆتۈرەڭگۈ قىلىدۇ؛ تاماقتىن كېيىن بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرسە ئاشقازان - ئۈچەيلەرنىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئۇنىڭ يەنە بۆرەك ئىقتىدارىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىمۇ بار. ئەمما، بالا ئېمىتىۋاتقان تۇغۇتلۇق ئاياللار، ھامىلىدار ئاياللار، شۇنىڭدەك ئاشقازان كېسىلى، تېرە كېسىلى ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى بار ئادەملەر ئىمكانقەدەر قەھۋە ئىچمەسلىكى، تەنھەرىكەتچىلەرمۇ قەھۋە ئىچىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى