چىغىرتماقگۈل
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
چىغىرتماقگۈل پىچان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ سامان غوللۇق، بىر پەللىلىك ئۆسۈملۈك، گۈلى چوڭ ھەم گۈزەل بولۇپ، ئېچىلغاندا كېپىنەككە ئوخشايدۇ. شۇڭا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە خەلق ئىچىدە «كېپىنەكگۈل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
چىغىرتماقگۈل ئوخشاش رەڭلىك گۈل تاج ياپراقچىلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ، گۈل كاسىسى ۋە گۈل تاجىسى دەپ ئايرىلمايدۇ، بىرلەشتۈرۈپ گۈل يېپىنچىسى دېيىلىدۇ. جەمئىي ئالتە ياپراقچە بولۇپ، ئۈچ ياپراقچىسى ئاستى تەرەپكە ساڭگىلاپ، ئۈچ ياپراقچىسى يۇقىرىغا قاراپ ئۆسۈپ، بىر چوڭ كېپىنەك شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ. چىغىرتماقگۈلنىڭ مەركىزىدە ئاستىغا جايلاشقان بىر ئۇرۇقدىنى بولىدۇ، ئانىلىق تۇمشۇقى ئۈچكە يېرىلىپ، ئۈچ تال كىچىك گۈل بەرگى شەكىللەندۈرۈپ، ھەرقايسىسى بىردىن ئاتىلىقنى يېپىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، گۈلنىڭ گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇپ سىرلىق تۈس بېرىدۇ.
چىغىرتماقگۈلنىڭ تولىسى كۆك ياكى كۆكۈچ بىنەپشە رەڭلىك بولۇپ، ئاق رەڭلىكلىرى ئالاھىدە ئەتىۋارلىق، ياۋروپالىقلار ئۇنى فلورېنسىيە چىغىرتماقگۈلى دەپ ئاتىشىدۇ. «فلورېنسىيە» ئىتالىيىدىكى داڭلىق بىر شەھەر بولۇپ، بۇ خىل گۈل ئەسلىي ئىتالىيىدە ئۆسىدىغان گۈل بولسا كېرەك، شۇڭا شۇنداق ئاتالغان بولۇشى مۇمكىن. گەرچە پارىژ شەھىرى دۇنياغا مەشھۇر گۈل شەھىرى بولۇپ، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن گۈللەر بۇ يەردە ئۆستۈرۈلۈپ، يىلدا بىر نۆۋەت خەلقئارالىق گۈل - گىياھلار كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەرخىل ئاجايىپ - غارايىپ چېچەكلەر خۇشبۇي ھىدى، كۆركەم ھۆسنلىرىنى كۆز - كۆز قىلىشسىمۇ، لېكىن فرانسۇزلار پەقەت ئاق رەڭلىك چىغىرتماقگۈلنىلا پارلاق، پاكلىق، سەلتەنەتلىكنىڭ سىمۋولى قىلىدۇ؛ ئۇلار چىغىرتماقگۈلنى فرانسۇز مىللىتىنىڭ ئەركىن، ئۈمىدۋار ۋە ئوچۇق - يورۇق روھىنى نامايەندە قىلىپ بېرەلەيدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، فرانسىيە ئاق رەڭلىك فلورېنسىيە چىغىرتماقگۈلىنى دۆلەت گۈلى قىلىپ بېكىتكەن. فرانسىيىنىڭ دۆلەت گېربىدە12 - ئەسىردىن باشلاپلا چىغىرتماقگۈلنىڭ سۈرىتى سىزىلغان.
چىغىرتماقگۈلنىڭ ئۆسۈملۈك تۈپى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە بىرقەدەر مەزمۇتراق بىر خىلى ھېسابلىنىدۇ. يوپۇرماق شەكلى خەنجەرگە ئوخشايدۇ، قېلىن تېرە ماددىلىق، بەزى تۈرلىرى قىش پەسلىدىمۇ خازان بولمايدۇ، گۈلى ئېچىلمىغان ھالەتتىمۇ، ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغ رايونلىرى بولۇپ، ياۋروپا، ئاسىيا، شىمالىي ئامېرىكىلارنىڭ ھەممىسىگە تارالغان، پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن300 تۈرى بار. جۇڭگودا تەخمىنەن40 تۈرى بولۇپ، غەربىي شىمال ۋە شىمالىي جۇڭگودىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە كۆپرەك، جەنۇبىي جۇڭگودا ناھايىتى ئاز. گۈل - گىياھ سورتى مەنبەسى قىلىنىدىغانلىرىدىن كېپىنەكگۈل، كۆك كېپىنەكگۈل، گېرمانىيە چىغىرتماقگۈلى قاتارلىق نەچچە خىلى بار.