UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىسېرىق چايگۈل

سېرىق چايگۈل

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى چايگۈلنىڭ شاخ − يوپۇرماقلىرى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدۇ، گۈلى چوڭ ھەم كۆركەم بولۇپ، دۇنياۋى خاراكتېرلىك ئەتىۋارلىق مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىدۇ. چايگۈلنىڭ سورتى نەچچە مىڭ خىلدىن ئارتۇق.1960 - يىلى گۇاڭشىنىڭ نەننىڭ رايونىدا تۇنجى قېتىم ئالتۇندەك سېرىق بىر خىل چايگۈل بايقالغان ھەمدە سېرىق چايگۈل (سىلىق يوپۇرماقلىق چايگۈل) دەپ نام بېرىلگەن. بۇ، چايگۈللەر ئىچىدىكى ئەتىۋارلىق گۆھەر ھېسابلىنىدۇ. سېرىق چايگۈل چاي ئائىلىسىگە كىرىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان بىر خىل كىچىك دەرەخ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن2 ~5 مېتىر، شاخ - نوتىلىرى شالاڭ، دەرەخ قوۋزىقى سۇس كۈل رەڭ سېرىق، ئاددىي يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تار - ئۇزۇنچاق يۇمىلاق شەكىللىك. ھەر يىلى ئاپرېل، ماي ئايلىرىدا يېڭى يوپۇرماقلىرى بىخلىنىپ چىقىدۇ،2 −3 يىلدىن كېيىن كونا يوپۇرماقلىرى چۈشۈپ كېتىدۇ. نويابىردا چېچەكلەشكە باشلايدۇ، چېچەكلەش مەزگىلى ئىككىنچى يىلنىڭ مارت ئېيىغىچە داۋاملىشىدۇ. سېرىق چايگۈلنىڭ گۈللىرى يېڭى شاخنىڭ يوپۇرماق قولتۇقىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، گۈلى ئالتۇندەك سېرىق، موم ماددىلىق، پارقىراق، كۆزنى قاماشتۇرىدۇ، مايلىغاندەك جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ، خۇددى يېرىم سۈزۈكتەك تۇيۇلىدۇ. گۈلىنىڭ دىئامېتىرى5 −6 سانتىمېتىر، ئىستاكانسىمان ياكى چىنىسىمان شەكىللىك بولۇپ، ناھايىتى چىرايلىق. سېرىق چايگۈل ئىللىق، نەم كىلىماتنى ياخشى كۆرىدۇ، كۆپىنچە تۇپرىقى بوش، سۇ چىقىرىۋېتىلىشى ياخشى تەسكەي يانباغىردىكى ئېرىق بويلىرىدا ئۆسىدۇ، تەبىئىي تارقىلىش دائىرىسى تار، پەقەت گۇاڭشىدىكى نەننىڭ شەھىرىنىڭ بانىڭ ناھىيىسىدىكى دېڭىز يۈزىدىن100 −200 مېتىر ئېگىز بولغان پاكار ئېدىرلىقلاردىلا ئۆسىدۇ، سانى ناھايىتى ئاز بولغاچقا، دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. سېرىق چايگۈل يەنە بىرقەدەر يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەتكە ۋە دورىلىق قىممەتكە ئىگە. يوپۇرمىقىدىن ئىچىملىك تەييارلاشقا بولىدۇ، دورا قىلىنسا تولغاق (دېزېتېرىيە)قا شىپا بولىدۇ ۋە شەلۋەرەپ قالغان جاراھەتلەرنى يۇيۇشقا بولىدۇ؛ گۈلى تەرەتتىن قان كېلىشكە شىپا بولىدۇ، يېمەكلىك پىگمېنتى قىلىشقىمۇ بولىدۇ؛ ياغىچى قاتتىق، تۈزۈلۈشى زىچ، پۇختا بولۇپ، قاچا - قۇچا ۋە ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى ياساشقا بولىدۇ؛ ئۇرۇقىدىن ياغ چىقىرىشقا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سېرىق چايگۈل | UyghurWiki | UyghurWiki