ياڭيۇگۈل
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ياڭيۇگۈل (مەخمەلگۈل دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە گۈزەللىكى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر خىلى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، خەنزۇچە «دالىجۈ» (چوڭ چىرايلىق جۇخارگۈلى) دەپمۇ ئاتالغان. ئۇنىڭ قامىتى ئېسىل، چىرايلىق، قىياپىتى چوڭ ھەم تولۇق بولۇپ، گۈزەللىكتە پەرىزاتتەك گۈللەر شاھى − مودەنگۈلدىن قېلىشمايدۇ.
ياڭيۇگۈلنىڭ رەڭگى چىرايلىق، خىلمۇخىل، قىزىل، سېرىق، قىزغۇچ سېرىق، بىنەپشە، ئاق قاتارلىق رەڭلەردە بولۇپ، كىشىنى ئىنتايىن مەپتۇن قىلىدۇ. قات بەرگلىك ياڭيۇ گۈلنىڭ ئاق رەڭلىك گۈل تاج ياپراقچىلىرى ئارىسىغا قىزىل يول سىزىقلىرى بولغان كۆپلىگەن گۈل تاج ياپراقچىلىرى قىستۇرۇلغان بولۇپ، خۇددى ئاق قاشتېشىغا يول - يول قىزىل ھېقىقلار تىزىپ ئورنىتىلغاندەك ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل كۆرۈنىدۇ.
ياڭيۇگۈلنىڭ ئەسلىي ماكانى مېكسىكىنىڭ ئېگىزلىكلىرىدە بولۇپ، مېكسىكىلىقلار ئۇنى مەردلىك، كۆركەملىكنىڭ سىمۋولى دەپ بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇنى دۆلەت گۈلى قىلغان.
ياڭيۇگۈلنىڭ ئۆسۈملۈك تۇپىنىڭ ئېگىزلىكى5 .1 مېتىر بولۇپ، پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ باشسىمان گۈل رېتىنىڭ مەركىزىدە سانسىزلىغان سېرىق رەڭلىك نەيچىسىمان كىچىك گۈللىرى بولىدۇ، بۇ گۈللەرنىڭ گىرۋەكلىرىدە ئۇزۇن ھەم يۆگىمەچ تىلسىمان گۈللىرى بولۇپ، رەڭگى ھەر خىل ھەم چىرايلىق، ياڭيۇگۈلنىڭ گۈزەللىكى دەل ئاشۇ تىلسىمان گۈللىرى ئارقىلىق نامايان بولىدۇ. ياڭيۇگۈلنىڭ كۆپۈپ يوغىنىغان تۈگۈنەك يىلتىزى بار بولۇپ، ئۇنىڭدا زور مىقداردا ئوزۇقلۇق ماددىلار زاپاس ساقلىنىدۇ، ياڭيۇگۈلنى جىنسسىز كۆپەيتىشتە تۈگۈنەك يىلتىزدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. باغۋەنلەر تۈگۈنەك يىلتىزنى يىلتىز بوينى ئورنىدىن بۆلەكلەرگە كېسىپ ئايرىپ تىكىش ئارقىلىق، نۇرغۇن يېڭى ئۆسۈملۈك تۈپلىرىگە ئېرىشەلەيدۇ.
ياڭيۇگۈلنىڭ ھازىرقى سورتلىرى7000 دىن ئارتۇق بولۇپ، ھەرقانداق رەڭدىكىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بار. ئۇ دۇنياغا مەشھۇر گۈل - گىياھقا ئايلانغان بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ھويلا - ئاراملاردا ئۆستۈرۈلمەكتە. ياڭيۇگۈل يەنە بۇلغىنىشقا قارشى ئۆسۈملۈك دېگەن نامى بىلەنمۇ مەشھۇر.