ئالما
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئالمىمۇ ئۈزۈم، سىتروس (ئاپېلسىن، ماندارىن، لىمونلار)، بانانلار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان دۇنيادىكى تۆت چوڭ مېۋىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ ئالما ئۆستۈرۈش كۆلىمى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ ئالما ئۆستۈرۈش تارىخى3000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. پۈتۈن دۇنيادا ئالمىنىڭ تەخمىنەن35 تۈرى بار بولۇپ، پەقەت ئېلىمىزدىن چىقىدىغانلىرىلا22 تۈرگە يېتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە داڭلىقلىرىدىن تۆۋەندىكىلەر بار: يەنى سىچۇەننىڭ بالدۇر پىشىدىغان «خۇاڭكۈي» ئالمىسى6 - ئاينىڭ باشلىرىدىلا بازارغا سېلىنىدۇ؛ شىمالنىڭ «جىن شۇەي» ئالمىسىنىڭ مېۋىسى چوڭ، مەركىزى (ئۇرۇق ئورنى) كىچىك بولۇپ، خۇش پۇراقلىق بولىدۇ؛ جەنۇب ۋە شىمالغا داڭلىق بانان تەملىك ئالما «شياڭ جياۋپىڭگو» نىڭ مېۋىسى چوڭ، شىرنىسى كۆپ بولۇپ، پۇراقلىق ھەم تەملىك بولىدۇ؛ ئارىلىقتا پىشىدىغان «خۇڭيۇ» ئالمىسى ناھايىتى كۆركەم بولۇپ، ساقلىغانسېرى پۇراقلىق بولىدۇ؛ كېچىكىپ پىشىدىغان «داگوگۇاڭ» ئالمىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالما ئۆستۈرۈش ئومۇمىي نىسبىتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.
ئالما تەركىبىدە مىكرو ئېلېمېنتلاردىن سىنك كۆپرەك بولۇپ، ئۇ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان يادرو كىسلاتاسى بىلەن ئاقسىللارنىڭ تۈزۈلۈشىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنت ھېسابلىنىدۇ. بالىلاردا سىنك كەم بولسا چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىقتەك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىغان بولغاچقا، ئالما يەنە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتكۈچى مېۋە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئالما تەركىبىدىكى فرۇكتوزا مىقدارى كۆپلۈك جەھەتتە مېۋىلەر ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
ھازىر دۇنيادا ئالما ئۆستۈرۈش كەسىپچىلىكى «پاكار، زىچ، بالدۇر، مول» بولۇشتەك تېخنىكىلىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. ياپونىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر خىل چوڭ تىپتىكى ئالما يېتىشتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭلىرى پۇتبول چوڭلۇقىدا بولىدىكەن. ئۇنىڭ رەڭگى، پۇرىقى ۋە تەمى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.