UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىيالغۇز يوپۇرماقلىق ئوت

يالغۇز يوپۇرماقلىق ئوت

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى تاۋار - دۇردۇنلاردەك رەڭگارەڭ گۈللەرگە تولغان، شاخ - يوپۇرماقلىرى بۈك - باراقسان ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدا يالغۇز يوپۇرماقلىق ئوت ئەڭ يەككە - يېگانە ئۆسۈملۈكتۇر. گۈلىنى دېسە بىر تاللا گۈل ئېچىلىدۇ. يوپۇرماق دېسە ئاران بىرلا يوپۇرمىقى بولىدۇ، «تەنھاگۈل، تەنھا يوپۇرماقلىق بىر تال ئوت» نىڭ دەل ئۆزى. يالغۇز يوپۇرماقلىق ئوت (كىنگدونىيە ئوتى)نىڭ يەر ئۈستى قىسمىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن10 سانتىمېتىر، ئادەتتە بەش يېرىقچە ياپراقچىسى بولغان يۇمىلاققا يېقىن شەكىللىك بىرلا يوپۇرمىقى ئۆسىدۇ. سۇس يېشىل رەڭلىك بىرلا گۈل ئېچىلىدۇ؛ بۇ كىچىك كوكاتنىڭ يەر ئاستىدا ئىنچىكە - ئۇزۇن ھەم شاخلانغان يىلتىزسىمان غولى بولۇپ، غولىدا نۇرغۇن تەڭگىچە يوپۇرماق ۋە تۇراقسىز يىلتىزلار ئۆسكەن، گۈلى بىلەن يوپۇرمىقىنىڭ ئۇزۇن ساپىقى دەل ئاشۇ يىلتىزسىمان غولىنىڭ بوغۇمىغا يېپىشىپ ئۆسۈپ چىقىدۇ. يالغۇز يوپۇرماقلىق ئوت ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى بىر خىل كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ يۈننەن، سىچۇەن، شەنشى ۋە گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىلا ئالاھىدە بار بولغان بىر خىل كىچىك ئوت، ئۇ دېڭىز يۈزىدىن2750 ~3975 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئېگىز تاغ ئىپتىدائىي ئورمانلىرىدا ياشايدۇ، ئۆسۈش مۇھىتى سوغۇق، نەم، ئىنتايىن دالدا، تۇپرىقى كىسلاتالىققا مايىلراق بولىدۇ. بۇلار ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش مۇھىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. يالغۇز يوپۇرماقلىق ئوتنىڭ گۈل، يوپۇرماقلىرى تەنھا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تۈزۈلۈشىمۇ ئالاھىدە ھەم ئىپتىدائىي. ئۇنىڭ يوپۇرماق تومۇرلىرى تىپىك ئوچۇق ئاچىماقلىنىپ شاخلىنىدىغان تومۇر رېتى بولۇپ، بۇ ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى1500 دىن كۆپ ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە بىردىنبىر ئۇچرايدىغان بىر خىل ئىپتىدائىي تومۇر رېتى ھېسابلىنىدۇ. يالغۇز يوپۇرماقلىق ئوتنىڭ گۈلى گۈل يېپىنچىسى، رودىمېنتلاشقان ئاتىلىق، ئانىلىق ۋە ئانىلىق ياپراقچىسىدىن تۈزۈلگەن، لېكىن، گۈل يېپىنچىسىمۇ ئوچۇق ئاچىماقلىنىپ شاخلىنىدۇ. ئانىلىقىنىڭ ئانىلىق ياپراقچىسى دەسلەپكى چاغدا ئوچۇق شەكىلدە بولىدۇ. بۇ تۈزۈلۈشلەرنىڭ ھەممىسى يالغۇز يوپۇرماقلىق ئوتنىڭ نۇرغۇن ئىپتىدائىي ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا، يالغۇز يوپۇرماقلىق ئوت1914 - يىلى يۈننەننىڭ ئېگىز تاغلىرىدا تېپىلغاندىن كېيىن، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلمىي خادىملارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، يالغۇز يوپۇرماقلىق ئوتقا بولغان تەتقىقات، پۈتۈن يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ھەققىدە يېڭى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ بېرەلەيدىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى