پۇدان
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى ئالجىرىيىنىڭ قىش پەسلى ئىللىق، نەم، ياز پەسلى قۇرغاق، ئىسسىق بولىدۇ. بۇ يەردە ئىنتايىن غەلىتە بىر خىل دەرەخ ئۆسىدۇ. غولى تۈپتۈز، قوۋزىقى قىزىل رەڭلىك، شاخلىرى توم، يوپۇرماقلىرى كەڭ. ئورمانلىققا كىرسىڭىز خۇددى بىر يېشىل ئۆگزىلىك، قىزىل تۈۋرۈكلۈك تەبىئىي ئوردىغا كىرىپ قالغاندەك بولىسىز. يەرلىك خەلق ئۇنى «پۇدان» دېيىشىدۇ، مەنىسى «كىر چىقىرالايدىغان دەرەخ» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن كىيىم - كېچەكلەرنى يۇيسا پاكىز، سالقىن ھېس قىلدۇرىدۇ. شۇڭا، «كىر يۇيىدىغان دەرەخ» دەپ ئاتالغان. يەرلىك ئاھالىلەر پاسكىنا كىيىملىرىنى دەرەخ تېنىگە باغلاپلا قويۇپ نەچچە سائەتتىن كېيىن سۈزۈك سۇدا چايقىۋەتسىلا ناھايىتى پاكىز بولۇپ قالىدۇ.
ئەسلىدە پۇداننىڭ قوۋزىقىدا كۆپلىگەن كىچىك تۆشۈكلەر بولۇپ، سېرىق رەڭلىك شىرنە سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ. ئۇ تەركىبىدە ئىشقار بولغان بىر خىل سۇيۇقلۇق بولغاچقا، كىر چىقىرىش رولىغا ئىگە. پۇدان دەرىخى ئۆسىدىغان يەرلەرنىڭ تۇپرىقىنىڭ ئىشقارلىقى ئېغىرراق بولۇپ، كەڭ يوپۇرماقلارنىڭ پارغا ئايلاندۇرۇش رولى ئارقىلىق يىلتىزىدىن سۈمۈرۈلگەن زور مىقداردىكى سۇلارنى پارلاندۇرۇۋەتكەچكە، دەرەخ سۇيۇقلۇقىنىڭ ئىشقارلىق ماددىلىرىنىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، دەرەخ كىچىك تۆشۈكچىلەردىن ئىشقار (شۇلتا)نى چىقىرىۋېتىپ، فىزىئولوگىيىلىك جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ. بۇ، دەرەخنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق. بۇ خۇسۇسىيەت جانلىقلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ، دارۋېن تەلىماتى بويىچە چۈشەندۈرگەندە، بۇ تەبىئىي تاللىنىشنىڭ نەتىجىسىدۇر.