UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىكەندىر

كەندىر

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى كەندىر ئېلىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمكى تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان زىرائەتلىرىنىڭ بىرى. ئەجدادلىرىمىز ئاز دېگەندىمۇ5000 نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرىلا كەندىر تالالىرىدىن «ئارىلاشما كاناپ» لارنى توقۇغان. كەندىرنىڭ ئەسلىي ماكانى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىلىرى بولۇپ، مىلادىيىدىن ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. شۇڭا، چەت ئەللەردە كەندىرنى «خەنما (خەن خانىدانلىقى كەندىرى)» دەپمۇ ئاتىشىدۇ. كەندىر ئۈجمە ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولىنىڭ تۈۋى قىسمى يۇمىلاق، ئوتتۇرا ۋە ئۇچى قىسمى چاسا شەكىللىك بولىدۇ. گۈلى بىر جىنسلىق بولۇپ، ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى ئايرىم تۈپلەردە ئۆسىدۇ. ئاتىلىق گۈل رېتى كونۇس شەكلىدە، ئانىلىق گۈل رېتى شارسىمان ياكى قىسقا باشاقسىمان بولىدۇ. مېۋىسى ئورۇق مېۋە بولۇپ، تۇخۇم شەكىللىك ھەم قىرلىق، ئۇرۇقى توق يېشىل رەڭدە بولىدۇ. ئاتىلىق تۈپ ئىنچىكە ئۇزۇن، تالاسى كۆپ، سۈپىتى ياخشى بولۇپ، بالدۇر پىشىدۇ.2 - ئەسىرلەردىلا شەرقىي خەن دەۋرىدىكى سۈي شى: كەندىرنىڭ ئاتىلىق تۈپ ۋە ئانىلىق تۈپ ئايرىمىسى بولىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە ئاتىلىق تۈپنى «ئەركەك كەندىر»، ئانىلىق تۈپنى «چىشى كەندىر» دەپ ئاتىغان. كەندىرنىڭ غول قىسمىدىكى تالالار ئۇزۇن ھەم ئەۋرىشىم بولۇپ، كاناپ توقۇشقا، برېزېنت توقۇشقا، ئارغامچا ئېشىشكە ۋە تور توقۇشقىمۇ بولىدۇ. ئۇرۇقىدىن ماي چىقىرىپ سىر ۋە سۇۋالما ماتېرىياللىرىنىڭ خام ئەشياسى قىلىشقا، كۈنجۈرىسىنى يەم ‐ خەشەك قىلىشقا بولىدۇ. كەندىرنىڭ مېۋىسىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق بولۇپ، ئۈچەي قۇرغاقلىشىش ۋە قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى ياخشى دورا ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يەنە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولىمۇ بار.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى