UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىچايگۈل

چايگۈل

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى چايگۈل گۈزەل قىياپىتى، كۆركەم گۈل ھۆسنى بىلەن داڭلىق. مىڭ دەۋرىدىكى جاڭ شىن ئۇنى مەدھىيىلەپ: سەرخىل گۈللەر ئارا يۈرۈپ سېلىشتۇرساڭ ھەربىرىنى، شەپەق كەبى چاقنار شولا بىر چېچەكنىڭ بەرگىسىدە. چىن گۈزەلدۇر، رەڭگارەڭدۇر، قاماشتۇرار كۆزلىرىڭنى، تەڭ كېلەلمەس چايگۈلىگە بولسا گۈللەر بەيگىسىدە. دەپ شېئىر ئوقۇغان. چايگۈل دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان كىچىك دەرەخ ياكى كىچىك چاتقال، ئۆسۈملۈك تۈپىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى سورتلىرىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ. بەزىلىرى نەچچە مېتىر كەلسە، بەزىلىرى1 مېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ؛ بەزىلىرىنىڭ شاخ - يوپۇرماقلىرى قويۇق، كۆركەم، بەزىلىرىنىڭ شالاڭ ھەم ئەركىن، دەرەخ شاخلىرى ئىنتايىن چىرايلىق، يوپۇرمىقى تەركىبىدە تېرە ماددىلىرى بولۇپ، يىل بويى ياشىرىپ، يېشىل ياقۇتتەك پارقىراپ تۇرىدۇ. گۈلىنىڭ دىئامېتىرى5 ~11 سانتىمېتىر بولۇپ، بەزىلىرى14 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، يالاڭ قات بەرگلىك ۋە قات بەرگلىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل تىپى بولىدۇ. يالاڭ قات بەرگلىكلىرى گۈلىدىن كېيىن مېۋىلەيدۇ، قات بەرگلىكلىرىنىڭ كۆپى مېۋىلىمەيدۇ. گۈلى توق قىزىل، ھال رەڭ، ئاق، سۆسۈن قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. يەنە گۈل رەڭگى سۇس، گۈل پىلتىسى يېشىل مەرۋايىتتەك بولغان نېلۇپەر تىپلىقى؛ تەكتى ئوچۇق قىزىل، ئۈستىگە ئاق سىزىقلار ياكى ئاق داغلار چېچىلغاندەك كۆرۈنىدىغان رادېئال سىزىقلىق تىپلىرى؛ گۈللىرى رەڭگارەڭ چىرايلىق، نازۇك ھەم ئۆزگىچە بولغان تاج تىپلىقلىرى؛ تەكتى ئاق قىزىل يوللۇق، نەپىس - چىرايلىق بولغان گۈيخۇا پايىسى تىپلىقلىرى ... بار. چايگۈلنىڭ سورتى ناھايىتى كۆپ، چېچەكلىگەن چاغدا بەكمۇ زىلۋا بولۇپ، كۆرۈنۈشى ھەر خىل، گۈزەللىكتە تەڭداشسىز، يەنە كېلىپ چېچەكلەش مەزگىلى ئۇزۇن بولغاچقا، باغۋەنچىلىك ۋە كۆكەرتىش ئىشلىرىدا كەڭ تۈردە ئىشلىتىلمەكتە ياكى ئاساسلىق مەنزىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە ياكى باشقا مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ باغچىلار، مەشھۇر مەنزىرىلىك رايونلار ۋە ھويلا ‐ ئاراملار زىننەتلەپ بېزەلمەكتە. چايگۈلنىڭ تاماشا قىلىش قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، ھىدروسولفىد، خلور گازى، ھىدروفتورىد قاتارلىق زەھەرلىك گازلارغا قارشى تۇرۇشچانلىقى روشەن، شۇڭا مۇھىت ئاسراش، ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش رولىنى ئوينىيالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى