UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىيالاڭبىلەكگۈل

يالاڭبىلەكگۈل

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى يالاڭبىلەكگۈل (ھىندىستان ئايگىنېتىيىسى) بىر يىللىق، يىلتىزدا پارازىت ياشايدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، كۆپىنچە باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، مەسىلەن، شېكەر قومۇشنىڭ يىلتىزىدا پارازىت ياشايدۇ، شۇڭا «شېكەر قومۇش پارازىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ گۈل شېخىدىن باشقا نورمال يېشىل يوپورماقلىرى بولمايدۇ، شۇڭا يالاڭبىلەكگۈل دەپ نام ئالغان. پەقەت بىرنەچچە تال رودىمېنتلاشقان كىچىك تەڭگىچە يوپۇرمىقىلا بولۇپ، گۈل سېپىنىڭ تۈۋى قىسمىدا ئۆسىدۇ، شۇڭا پۈتۈنلەي پارازىت ئىگىسى تەمىنلىگەن ئوزۇقلۇقلارغا تايىنىپ ياشايدۇ. ئۇ يىلتىز قىسمىدىن پارازىت ئىگىسىنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى توختىماي سۈمۈرۈپ ئۆزىنى باقىدۇ. پارازىت ئىگىسى بولسا ئۇنىڭ بۇلاڭچىلىقى ئاستىدا ئاجىزلاپ رەزگىلىشىپ كېتىدۇ. يالاڭبىلەكگۈل باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ھېسابلىنىدۇ. يالاڭبىلەكگۈل كۈز پەسلىدە چېچەكلەيدۇ، غاڭزا شەكىللىك گۈلى ھەم يوغان، ھەم چىرايلىق بولۇپ، غولىنىڭ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، گۈل تاجسى نەيچىسىمان، ئېغىزى قىسمىدا يۇمىلاق يېرىقچە ياپراقلىرى بار، سۆسۈن رەڭلىك، ئىنتايىن ئۆزگىچە. ئۇلار باشاقلىق ئوت - چۆپلەرنىڭ يىلتىزىدا ئۆسكەن بولغاچقا، كىشىلەر ئادەتتە خاتالىشىپ باشاقلىق ئوت - چۆپنىڭ گۈلى دەپ قالىدۇ. يالاڭبىلەكگۈلنىڭ غوزا مېۋىسى تۇخۇمسىمان يۇمىلاق، ئەتىياز، ياز پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ دورا قىلىشقا بولىدۇ. يالاڭبىلەكگۈلنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى ئاچچىق، زەھەرلىك، لېكىن زەھەر قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش رولىغا ئىگە. خەلق ئىچىدە كۈنجۈت يېغى ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ سىرتتىن سۈرۈپ بەرسە قوڭىيوغاننى داۋالاشقا بولىدۇ. يالاڭبىلەكگۈل شۇمبۇيا ئائىلىسى، ئايگىنېتىيە ئۇرۇقدىشىغا تەۋە ئۆسۈملۈك، مەملىكىتىمىزنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى ھەرقايسى جايلارغا كەڭ تارالغان. شەرقىي ئاسىيا ھەم شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ھەرقايسى جايلارغىمۇ تارالغان.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى