UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىئۆسۈملۈكلەرنىڭ جىنسىنى ئۆزگەرتىشىدىكى سىر

ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جىنسىنى ئۆزگەرتىشىدىكى سىر

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى ئامېرىكىنىڭ ماين ۋە فلورىـدا شـتـاتـلىرىدىكى ئورمـانـلـىـقـلاردا ھىندىستان چايان ئوتى دەپ ئاتىلىدىغان قىزىقارلىق ئۆسۈملۈك بار، ئۇ يىـل بويى كۆكىرىپ تۇرىدۇ،15 يىلدىن20 يىلغىچە بولغان ئۆسۈش مەزگىلـىدە جىنسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، ئانىلىقتىن ئاتىـلـىـقـقـا، يەنە ئاتىلىقتىن ئانىلىققا ئۆزگىرىدۇ. كۆپىنچە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاتىلىقى بىلەن ئانىلىقى بىر تۈپتە ئۆسىدۇ، بىر تۈپ ئۆسۈملۈكتە ھەم ئانىلىق، ھەم ئاتىلىق گۈلى بولىدۇ ياكى بىر دانە گۈل ئىچىدە بىرلا ۋاقىتتا ئاتىلىق، ئانىلىق ئەزالىرى بولىدۇ، ھالبۇكى، ھىندىستان چايان ئوتى جىنسىنى توختىماي ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ.20 - ئەسىرنىڭ20 - يىللىرىدىلا، بوتانىكلار ھىندىستان چايان ئوتىدىـكـى بۇ خىل جىنس ئۆزگەرتىش ھادىسىسىنى بايقىغان، بىراق كىشىلەر ئۇزاقتىن بۇيـان بۇنىڭ سىرىنى يېشەلمىدى. ئامېرىكىدىكى بـەزى بـوتـانـىـكلارنـىـڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكـى ھىـنـدىـسـتـان چايان ئوتىدا ئادەتتە بىر تاللا يوپۇرماق بولىدىكەن، ئۇنىڭدا ئاتىلىق گۈل ئېـچـىـلـىـدىـكەن. چوڭراقلىرىدا ئىككى تال يوپۇرماق بولۇپ ئانىلىق گۈل ئېچىـلـىـدىـكـەن. ۋەھالەنكى، بۇ خىل ئۆسۈملۈك يۇمران ۋاقتىدا گۈل ئېچىلمايدىكەن، ئوتتۇرا جىنستا بولىدىكەن، كېيىنچە ھەم ئاتىلىققا، ھەم ئانىلىققا ئۆزگـىـرەلەيدىـكـەن. ئۇلار يـەنـىـمـۇ ئىلگىرىلەپ كۆزىتىش ئارقىلىق ھىـنـدىـسـتـان چـايـان ئوتـى يوغىنىغاندا ھەمىشە ئانىلىققا؛ قورۇلۇپ كىچىكلىگەندە ئاتىلىققا ئۆزگىرىدىغانـلىقىنى بـايـقىـغان. شـۇڭـا، ئۇلار ھىندىستان چايان ئوتىنىڭ جىنـس ئۆزگەرتىش فىزىئولوگىـيـىـسـى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېنېرگىيە «تېجەش» ۋە ياشاش مۇھىتىغا ماسلىشىشىدىكى تاكتىكىسى، دەپ قارىغان. ئەسلىـدە ئۆسـۈمـلـۈكـلـەردىـمـۇ ھايـۋانلارغـا ئوخـشـاشلا ئانـىـلـىـق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادنى قالدۇرۇشى ئۈچۈن ئېھتىياجــلـىـق بولغان ئېنېرگىيىسى ئاتىلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇق ھاسىل قـىـلـىـشـتـا ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيىسىدىن كۆپ بولىدىكەن. ھىندىسـتـان چـايـان ئوتىنىڭ ئۇرۇقى بىرقەدەر چوڭ، سەرپ قىلىـدىـغـان ئېـنـېـرگـىـيـىـسـىـمـۇ ئادەتتىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭكىدىن كـۆپ. ئەگـەر ھەر يـىـلـى مـېـۋە بـەرسـە ئېنېرگىيە ۋە ئوزۇقلۇق سەرپىياتى ئېشىپ كېتىش نەتىجىسىـدە ئۆسـۈمـلـۈك بارغانسېرى قورۇلۇپ كىچىكلەيدۇ، ھەتتا ئوزۇقلىنىش ناچارلىشىش سەۋەبىدىن قۇرۇپمۇ كېتىدۇ. شۇڭا، تىمەن ئۆسكەنلىرىلا ئانـىـلـىـقـقـا ئۆزگـىـرىـپ چېچەكلەپ مېۋە بېرىـدۇ. مـېـۋە بـەرگـەنـدىـن كـېـيـىـن قورۇلۇپ كىچىكلەيدۇ، بۇ چاغدا ئاتىلىققا ئۆزگىرىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا، ئېنېرگىـيـە ۋە ئوزۇقلۇقنى زور دەرىجىدە تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئۇلار بىر يىللىق «كۈتۈنۈش» ئارقىلىق ئەسلىگە كېلىۋېلىپ، ئانىلىقـقـا ئۆزگىرىدۇ. نەتىجىدە، يەنە چېچەكلەپ مېۋە بېرىدۇ. قىزىقارلىقى، بۇ خىل ئۆسۈملۈك جىنس ئۆزگەرتىش ئارقىـلـىـق كۆپىيىپلا قالماستىن، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ناچار مۇھىتقىمۇ تاقابىل تۇرىدۇ. بوتانىكلارنىڭ بايقىشىچە، ھايـۋانلار ھىندىـسـتان چايان ئوتىنىڭ يوپۇرمىقىنى يەۋەتسە ياكى چوڭ دەرەخلەر يورۇقلۇقنى توسۇۋالسا، ھىندىستان چايان ئوتى ئاتىلىققـا ئۆزگىرىدىكەن. مۇشۇ خىل ناچار مۇھىت يوقالغاندىلا، ئۇلار ئانىلـىـقـقـا ئۆزگـىرىپ، كۆپىيىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى