ئورموزىيە دەرىخى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
«ئورموزىيە ئۆسەر جەنۇب تاماندا،
شاخلىغاندۇ بۇ يىل يەنە باھاردا.
يۈرەكتىكى سېغىنىشقا تىمسال ئۇ،
مولراق ئۈزۈڭ ئۇنىڭدىن يول بولغاندا.»
تاڭ دەۋرىدىكى شائىر ۋاڭ ۋېي ئورموزىيە دەرىخىگە ئاتاپ لىرىك ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ، كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان بۇ مىسرالارنى يېزىپ قالدۇرغان. ئورموزىيە دەرىخى ئەزەلدىنلا كىشىلەر تەرىپىدىن «سېغىنىش - ئەسلەش دەرىخى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.
ئورموزىيە ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈكلەردىن پۈتۈن يەر شارىدا100 تۈرى بار، مەملىكىتىمىزدە26 تۈرى بولۇپ، تولىراق گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، يۈننەن، گۇيجۇ قاتارلىق جايلارغا تارالغان. گۇاڭشىنىڭ غەربىي قىسمى ۋە خەينەن ئارىلىدا ئەڭ ياخشى ئۆسىدۇ. جەنۇب تەرەپنىڭ ئادىتى بويىچە ئاتىغاندا، «قىزىل پۇرچاق» دېيىلگىنى ئابرۇس دەرىخى، تەيۋەن ئابرۇس دەرىخى ۋە ئادېنانتېرا دەرىخىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل دەرەخ تۈرىنى كۆرسىتىدۇ. شائىرنىڭ شېئىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئورموزىيە (خۇڭدۇ) ئورموزىيە ئۇرۇقدىشىدىكى ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكتۇر.
ئابرۇس دەرىخى ئورموزىيە دەرىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ پۇرچاق ئائىلىسىگە كىرىدىغان، ياغاچ غوللۇق پېلەكلىك ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى تۇخۇمەكنىڭكىگە، گۈلى سوپۇن دەرىخىنىڭكىگە، چوكا مېۋىسى يېسىمۇقنىڭكىگە ئوخشايدۇ. پۇرچىقىنىڭ چوڭلۇقى قىزىل ئاشپۇرچاقچىلىك بولۇپ، يېرىمى قىزىل، يېرىمى قارا رەڭلىك بولىدۇ، قەدىمكى زاماندا خوتۇن - قىزلار ئۇنى يىپقا ئۆتكۈزۈپ مارجان، بىلەزۈك، پۇت بىلەزۈكى ياساپ ئاساتتى. قىز - يىگىتلەر مۇھەببەتلەشكەندە، قىزىل پۇرچاقنى گۇۋاھلىق نەرسە سۈپىتىدە بىر - بىرىگە سوۋغا قىلىشىپ، سەمىمىي سادىقلىقنى ئىپادىلىشىدۇ.
تەيۋەن ئابرۇس دەرىخى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى15 مېتىرغا، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى40 ~60 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. ياغىچى قاتتىق - پۇختا، ئېلاستىكلىقى ياخشى، سىزىقلىرى چىرايلىق، پارقىراق بولۇپ، كېمە، پالاق، ماشىنا كوزۇپلىرىنى ياساش قاتارلىقلارنىڭ ياخشى ماتېرىيالىدۇر. دەرەخ قوۋزىقى تەركىبىدە تاننىن بار بولۇپ، تېرە ئاشلاش يېلىمى چەككىلەشكە بولىدۇ.
ئادېنانتېرا دەرىخى توز دەرىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى، ئەتىيازدىكى ئىللىق مەزگىللەردە ئۆسۈپ چىققان پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماقلىرى جۈپ - جۈپ بولۇشۇپ خۇددى توزنىڭ يېيىلغان قۇيرۇقىغا ئوخشاپ قالىدۇ. شۇڭا، شۇنداق ئاتالغان. ياز كۈنلىرى سېرىق، ئاق رەڭلىك كىچىك گۈللىرى ئېچىلىپ شاخلىرىغا تولۇپ كېتىدۇ. كۈز كەلگەندە چوكا مېۋىسى پىششىپ كالا مۈڭگۈزىگە ئوخشاش ئېگىلىپ تۇرىدۇ، چوكا مېۋىسى يېرىلغاندا ئوچۇق قىزىل رەڭلىك ئۇرۇقلىرى ئېتىلىپ چىقىپ يەرگە چېچىلىپ چۈشىدۇ.
ئورموزىيە دەرىخى خىلىدىكىلەر كۆركەم، ئادەمنى زوقلاندۇرىدۇ، لېكىن زەھەرلىك. بولۇپمۇ ئابرۇس دەرىخى پۇرچىقى تەركىبىدە ئابرىن (ئابرۇس زەھەرلىك ئاقسىلى) بار بولۇپ، زەھىرى كۈچلۈك، ئۆي ھايۋانلىرى15 گرامدىن ئارتۇق يەۋالسىلا زەھەرلىنىپ قالىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈك «جەنۇبىي تەرەپ ئاساسلىق زەھەرلىك ئۆسۈملۈكلىرى» گە كىرگۈزۈلگەن.