كامفورا دەرىخى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
كامفورا دەرىخى يەنە خۇش پۇراقلىق كامفورا دەرىخى، قارا كامفورا دەرىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كامفورا ئائىلىسىگە كىرىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چوڭ دەرەخ، ئېگىزلىكى40 −50 مېتىرغا يېتىدۇ. يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. تېرە ماددىلىق، تۇخۇم شەكىللىك، يۈزى قېنىق يېشىل، پارقىراق، دۈمبە تەرىپى كۆكۈچ ئاق رەڭلىك، كۈز كەلگەندە ئوچۇق قىزىل ياكى سارغۇچ قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىپ، كىشىنى ھەۋەسلەندۈرگۈدەك گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. باش يازدا چېچەكلەيدۇ. گۈلى سارغۇچ يېشىل رەڭلىك ئۇششاق گۈل بولۇپ، كونۇسسىمان گۈل رېتى شار شەكىللىك مېۋىلەيدۇ؛ قارامتۇل بىنەپشە رەڭلىك مېۋىسى ئاۋغۇست − نويابىر ئايلىرىدا پىشىدۇ.
كامفورا دەرىخىنىڭ شاخ، يوپۇرماقلىرى ئىرغاڭلاپ، سايىسى يەرنى قاپلاپ تۇرىدۇ، دەرەخ قىياپىتى ھەيۋەتلىك - كۆركەم بولۇپ، باغ - ئورمان، ئىھاتە ئورمانلىقى بىنا قىلىشنىڭ تازا لايىق دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
كامفورا دەرىخى ئىللىق، نەم كىلىماتنى ياخشى كۆرىدىغان سۇبتروپىك بەلۋاغ دەرىخى. مەملىكىتىمىزدە ئاساسەن چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى جايلارغا تارالغان، بولۇپمۇ تەيۋەن ئۆلكىسىدە كۆپ. تەيۋەن دۇنيا بويىچە كامفورا دەرىخى ئەڭ كۆپ جاي بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى500 مېتىردىن1800 مېتىرغىچە بولغان جايلاردا ئالاھىدە بولغان كامفورا دەرىخى بەلۋېغىنى شەكىللەندۈرگەن، پۈتۈن تەيۋەن ئارىلى يەر مەيدانىنىڭ بەشتىن ئىككىسىنى ئىگىلەيدۇ؛ كامفورا مەھسۇلاتى پۈتۈن دۇنيادىكىسىنىڭ %70 ىنى ئىگىلەيدۇ. سۈپىتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
مەملىكىتىمىزنىڭ كامفورا دەرىخىنى ئۆستۈرۈش تارىخى ئۇزۇن، ھازىرغا قەدەر ئاز بولمىغان ئەتىۋارلىق قەدىمكى كامفورا دەرەخلىرى ئۆسۈپ تۇرماقتا. گۇاڭشى ئۆلكىسىدىكى چۈەنجۇنىڭ جىنتاڭشەن جىلغىسىدا بىر تۈپ كامفورا دەرىخى بولۇپ، ئېگىزلىكى30 مېتىر، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى6 .6 مېتىر، دەرەخ باراقسىنى سايىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسى ئون نەچچە موغا يېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۆسكىنىگە2000 نەچچە يۈز يىل بولغان. ھەرقايسى جايلاردا يەنە «تاڭ سۇلالىسى كامفوراسى»، «سۇڭ سۇلالىسى كامفوراسى» قاتارلىق ناملاردا ئاتىلىدىغان قەدىمكى كامفورا دەرەخلىرى ساقلىنىپ ئۆسمەكتە.
كامفورا دەرىخى مەملىكىتىمىزنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي دەرەخ تۈرى بولۇپ، ياغىچىنىڭ ئۆرۈش سىزىقلىرى پۇختا، خۇش پۇراقلىق، ھاشاراتلارنى قاچۇرالايدۇ، نەملىككە چىداملىق، پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئاسان بولۇپ، قۇرۇلۇش، كېمىسازلىق، ئۆي جاھازلىرى، ساندۇق - ئىشكاپ، ئويمىچىلىق قاتارلىقلاردا كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. كامفورا دەرىخىدىن كامفورا، كامفورا مېيى ئېلىشقا بولىدۇ، بۇلار تېببىي دورىگەرلىك، خىمىيە سانائىتى، پۇراق ماتېرىياللىرى، چىرىشتىن مۇداپىئەلىنىش، دېھقانچىلىق دورىلىرى قاتارلىقلارنىڭ خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇرۇقىدىن ياغ تارتىشقا بولىدۇ، بۇ خىل ياغ سوپۇن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ناھايىتى ياخشى ماتېرىيالىدۇر. يوپۇرمىقىدا پىلە بېقىشقا بولىدۇ. كامفورا پىلىسىنىڭ يىپەكلىرى بېلىق تورلىرىنى توقۇشنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. كامفورا بىلەن كامفورا مېيى بولسا مەملىكىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئېكسپورت تاۋار بۇيۇمى بولۇپ، سۈپىتى ۋە مەھسۇلاتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.