نەنمۇ دەرىخى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
نەنمۇ دەرىخى مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق ياغاچ ماتېرىيال دەرىخى، شۇنداقلا جەنۇبىي جۇڭگونىڭ تۆت چوڭ داڭلىق ياغاچ ماتېرىيال دەرەخلىرى (نەنمۇ، كامفورا، چوكا دەرىخى، پاۋلونىيە دەرىخى)نىڭ بىرى. بېيجىڭ شىسەنلىڭ قەبرىستانلىقىدىكى چاڭلىڭنىڭ لىڭئىن قەسىرىدە، نەنمۇ دەرىخىدىن ياسالغان ئاسمانغا تاقاشقۇدەك60 تال تۈۋرۈك ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان چىرىماي ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا، شۇڭا، كىشىلەر نەنمۇ دەرىخىنى تۈۋرۈك بولغۇدەك ئېسىل دەرەخ دېيىشىدۇ.
نەنمۇ دەرىخى ماخىلۇس دەرىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ كامفورا ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چوڭ دەرەخ، ئېگىزلىكى30 مېتىرغا، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى5 .1 مېتىرغا يېتىدۇ. دەرەخ غولى زور ھەم تۈپتۈز، دەرەخ باراقسىنى ھەيۋەتلىك؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تېرە ماددىلىق، كەڭ تېمىنە ياكى دۈم تۇخۇم شەكىللىك؛ ئەتىيازدا سېرىق چېچەكلەيدۇ، كونۇسسىمان گۈل رېتى، مېۋىسى شار شەكىللىك، سېنتەبىر - ئۆكتەبىر ئايلىرىدا پىشىدۇ.
نەنمۇ دەرىخىنىڭ ياغىچى چىڭ، سىپتە، ئۆرۈش سىزىقلىرى چىرايلىق، قېيىپ قالمايدۇ ھەم يېرىلمايدۇ، نەملىككە چىداملىق، چىرىمايدۇ، ئاسانلىقچە كۆيمەيدۇ، خۇش پۇراقلىق ھەم پارقىراقلىق بولۇپ، ئىنتايىن قىممەتلىك قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. خەلق ئىچىدە ئۇنىڭدىن كۆپىنچە ساندۇق - ئىشكاپ ياسىتىدۇ، خۇشبۇي پۇرىقى ئۆتكۈر، مىكروب ئۆلتۈرۈش، چىرىشتىن مۇداپىئەلىنىش رولىغا ئىگە. «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تە ساۋ شۆچىن چىن كېچىڭنىڭ نەنمۇ ياغىچىدا ياسالغان جەسەت ساندۇقىنى تەسۋىرلەپ «ئۆرۈش سىزىقلىرى سىپارىدەك، خۇش پۇرىقى ئاق سەندەلدەك ھەم ئىپاردەك. پەنجە بىلەن يېنىك - يېنىك چەكسەڭ ئۇنى، جاراڭلايدۇ گويا سۈزۈك قاشتېشىدەك» دەپ يازغان. بۇ ياغاچنىڭ ئەتىۋارلىقلىقىدىن، ئۇنى ئالتۇن بېرىپمۇ تاپماق تەس.
مەملىكىتىمىزدىكى نەنمۇ دەرىخىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ،60 دىن ئارتۇق تۈرى بار، ئۇلار جېننەن فايىبى ۋە ماخىلۇس دەرىخىدىن ئىبارەت ئىككى ئۇرۇقداشقا بۆلۈنىدۇ. داڭلىقلىرىدىن بىنەبشە ماخىل دەرىخى (زىجىن نەنمۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) بار، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى20 مېتىر كېلىدۇ، دەرەخ شەكلى چىرايلىق بولۇپ، مەنزىرە دەرىخى قىلىشقا بولىدۇ. مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا نەنجىڭدىكى زىجىن تېغىدا نەنمۇ دەرەخلىرى بۈك - باراقسان ئۆسكەن، كېيىن خان جەمەتىدىكىلەر ئوردا - ساراي سالدۇرۇش ئۈچۈن كېسىپ تۈگىتىۋەتكەن. ئوخشاش ئۇرۇقداشتىكى جېجياڭ فايىبى دەرىخى زىجىن نەنمۇ دەرىخىگە قارىغاندا چوڭ، غولى تۈپتۈز، ئۆسۈشى بىرقەدەر تېز، شاخ - يوپۇرماقلىرى گۈزەل، ياغىچى قاتتىق بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك جاھازلارنى ياساشقا بولىدۇ. ئەپسۇسكى، ھازىر ساقلىنىپ قالغانلىرى كۆپ ئەمەس. خاڭجۇنىڭ يۈنچى، لىئەنسى بۇتخانىسىنىڭ يېنىدا پەقەت كىچىك كۆلەمدىكى ساپ نەنمۇزارلىق ساقلىنىپ قالغان. تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا، غەربىي تيەنمۇشەن تاغ ئېتىكىدىكى چەن يۈەنسى بۇتخانىسى ئالدىدا جېجياڭ فايىبى دەرىخىدىن ئاران ئالتە تۈپلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈكلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.