UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىشاھگۈل

شاھگۈل

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى شاھگۈل يەنە چوڭ گۈللۈك ئوت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گۈل ھېسابلىنىدۇ. ھىندونېزىيىنىڭ جاۋا ۋە سۇماترا قاتارلىق جايلىرىدىكى تروپىك بەلۋاغ ئورمانلىرىدا ئۆسىدۇ، قىياپىتى ئىنتايىن غەلىتە بولۇپ، ھەم يىلتىزى يوق، ھەم غولى يوق، يوپۇرمىقى تېخىمۇ يوق، ئۆسۈملۈككە زادىلا ئوخشىمايدۇ. گۈللەر ئىچىدىكى «گىگانت» بولغاچقا، ئادەتتە شاھگۈل دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ھاياتى پارازىت ياشاش بىلەن ئۆتىدۇ. بىردىنبىر بار بولغان بىر تال گۈل ساپىقى ئارقىلىق ئاق توزغاقلىق ياۋا ئۈزۈمنىڭ يىلتىزسىمان غولىغا يېپىشىۋېلىپ، شۇنىڭدىن ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈپ ئۆزىنى باقىدۇ. شاھگۈلنىڭ دىئامېتىرى ئەڭ چوڭلىرىنىڭ4 .1 مېتىر، ئېغىرلىقى ئومۇمەن4 −5 كىلوگرام كېلىدۇ، ئەڭ ئېغىرلىرىنىڭ50 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. بەش تال قىزىل رەڭلىك گۈل تاج ياپراقچىسى ھەم سېمىز، ھەم قېلىن، تەركىبىدىكى شىرنىسى ناھايىتى كۆپ، ھەربىر گۈل تاج ياپراقچىسى30 −40 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا،20 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا بولىدۇ، ئوتتۇرىسىدا ئاتىلىق - ئانىلىقلىرى ۋە گۈل شىرنىسى بولىدۇ. گۈلنىڭ مەركىزىدە يەنە يۇمىلاق ئېغىزلىق چوڭ شىرنە ئوقۇرى بار بولۇپ، دىئامېتىرى تەخمىنەن33 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى تەخمىنەن30 سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا سۇ قاچىلاشقا توغرا كەلسە،5 −6 كىلوگرام سۇ پاتىدۇ. شاھگۈل دۇنيادا تەڭدىشى يوق ئەڭ چوڭ گۈل بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ رەڭگى ئىنتايىن چىرايلىق، گۈلى يېڭى ئېچىلغان چاغدا ئازراق خۇشبۇي، پۇراقلىق بولىدۇ، لېكىن1 −2 كۈندىن كېيىنكى گۈلى خۇددى چىرىگەن گۆشكە ئوخشاش بەتبۇي پۇراق تارقىتىدۇ. لېكىن، بۇنداق سېسىق پۇراق چىۋىن، قوڭغۇزلارنى جەلپ قىلىپ، ئۇنى چاڭلاشتۇرۇپ، كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرۇشىغا ياردەملىشىدۇ. گۈلى ھەيران قالغۇدەك چوڭ بولغىنى بىلەن ئۇرۇقى ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ. ئۇلار دائىم پىللارنىڭ پۇتلىرىغا يېپىشىۋېلىپ، ھەرقايسى جايلارغا تارقىلىپ بېرىپ ئولتۇراقلىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى