UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىجۇڭگو ئەتىرگۈلى

جۇڭگو ئەتىرگۈلى

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى جۇڭگو ئەتىرگۈلنىڭ يۇرتى، بۇ يەردە دېگۈدەك ئەتىر گۈلنى تونۇمايدىغان ئادەم يوق. ئۇنىڭ گۈللەش مەزگىلى ئۇزۇن بولۇپ، گۈللىرى فېۋرالدىن تارتىپ دېكابىرغىچە ئارقا - ئارقىدىن ئېچىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا، خەلق ئىچىدە ئۇنى «ئايمۇئاي قىزىلى» دېيىشىدۇ. سۇڭ سۇلالىسىدىكى شائىر ياڭ چىڭجەينىڭ ئەتىرگۈل ھەققىدىكى ئىككى مىسرا شېئىرىدا: «ھېچبىر گۈل ئون كۈنلەپ ئېچىلماس ئۇدا، يوقاتماس خۇش ھىدىن پەقەت شۇ گۈللا» دەپ يېزىپ، ئەتىرگۈلنىڭ گۈللەش مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن بولۇش ئالاھىدىلىكىنى تىلغا ئالغان. ئەتىرگۈل17 −18 - ئەسىرلەردە جۇڭگودىن ياۋروپاغا تارقىلىپ كىرىپ، غەرب باغۋەنلىرىنىڭ ئېتىبارى ۋە قىزىقىشىنى قوزغىغان، غەربتە ئەسلىدىلا بار بولغان ئازغان ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قايتا - قايتا شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن دۇنياغا تارالغان ھازىرقى زامان ئەتىرگۈللىرى بارلىققا كەلگەن. سورتلىرى تېخىمۇ ياخشى ھەم كۆپ بولۇپ، گۈللىرى قىزىل، ئاق، يېشىل، سېرىق، سۆسۈن ھەم ئالتۇن چېچىلغاندەك رەڭلەردە ئېچىلىدۇ. سورتلىرى10 مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ، «گۈللەر خانىشى» دېگەن نامى بار. جۇڭگو ئەتىرگۈلىنىڭ گۈلى چوڭ، گۈل تاج ياپراقچىلىرى كۆركەم، كەڭ ھەم قېلىن، ئۇزۇنغىچە سولاشمايدۇ، كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك خۇش پۇراقلىق. ئۇنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، باغچە، مەكتەپ، مەشھۇر جايلار ھەم دوختۇرخانىلار، ئىدارە - ئورگانلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆستۈرۈپ مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈشكە بولىدۇ. شۇنداقلا، گۈللۈك مۇنبەر، گۈللۈك بەلۋاغ، گۈللۈك چىغىر يول، گۈل چىتلاق (گۈل قاشا)، گۈل تام قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەمدە تەشتەكلەردە ئۆستۈرۈش، گۈل تىزىش قاتارلىقلارنىڭ ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ. ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا «ئەتىرگۈل باغچىسى» ئېچىلىپ، كىشىلەر تاماشا قىلماقتا. ئەتىرگۈل ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كىچىك چاتقال. لېكىن، بەزى تۈرلىرى يامىشىپ ياكى پېلەك تارتىپ ئۆسىدۇ. شاخ - يوپۇرماقلىرى سىلىق - پارقىراق، تۈكچىلىرى بولمايدۇ، لېكىن شاخلىرىدا قوۋزاق تىكەنلىرى بولىدۇ. گۈلنىڭ تۈپ سانى بەش، ئاتىلىقلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بەشنىڭ بىرقانچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئانىلىقلىرىنىڭ سانىمۇ كۆپ، گۈل تېگىنىڭ ئويۇق قىسمىغا جايلىشىدۇ. ئەتىرگۈللەرنى باغۋەنچىلىكنىڭ خىللارغا ئايرىش ئۇسۇلى بويىچە تۆۋەندىكىدەك توققۇز خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ. جۇڭگو ئەتىرگۈلى، ئۇششاق گۈللۈك ئەتىرگۈل، ئون ئاچا - سىڭىل تىپىدىكى ئەتىرگۈل، كۆپ گۈللۈك تىپتىكى ئەتىرگۈل، ئالاھىدە چوڭ ھەم كۆپ گۈللۈك تىپتىكى ئەتىرگۈل، يالغۇز گۈللۈك چوڭ تىپتىكى ئەتىرگۈل، پېلەك غوللۇق ئەتىرگۈل، دەرەخ تىپلىق ئەتىرگۈل، ياۋايى تىپتىكى ئەتىرگۈل قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئون ئاچا - سىڭىل تىپىدىكى ئەتىرگۈل ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ بىر تۈپىدە50 تىن ئارتۇق گۈل ئېچىلىدۇ. پۇرىقى سۇس، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئېچىلىدۇ. گۈلى ئالاھىدە چوڭ بولۇش يالغۇز گۈللۈك چوڭ تىپتىكى ئەتىرگۈلنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ھەربىر گۈلىنىڭ دىئامېتىرى20 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ؛ گۈل تاج ياپراقچىلىرى تولغان، رەڭگى كۆركەم، خۇشبۇي پۇرىقى ئۆتكۈر بولۇپ، كىشىلەر ئەڭ ياقتۇرىدۇ. دۇنيا خەلقى ئەتىرگۈلنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نۇرغۇن تەڭگە پۇللىرى، پاگون، تامغا، ئىزناك، بايراق، بىنالىرى قاتارلىقلارغا ئەتىرگۈلنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. ئەتىرگۈل يەنە خرىستىئان دىنىنىڭ دىن گۈلى قىلىنغان. مەملىكىتىمىزنىڭ تيەنجىن، شىئەن، داليەن، جېنجۇ، ۋېيخەي، نەنچاڭ، خىڭياڭ، چاڭجۇ، يىچاڭ، جياۋزو، شاڭچيۇ، پىڭ دىڭشەن قاتارلىق شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئەتىرگۈلنى شەھەر گۈلى قىلغان.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى