UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىزىبرە

زىبرە

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى ئادەم ئايىغى تەگمىگەن، قاقاس تاغ - چوققىلار، تىك يار، تاش قىيالاردا «مىڭ ئۆلۈپ قايتا تىرىلىدىغان ئوت» دەپ ئاتىلىدىغان قىممەتلىك بىر خىل دورا ماتېرىيالى ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ ئاجايىپ بىر خىل ماھارىتى بولۇپ، تۈگۈلۈپ قورۇلۇۋېلىش ئارقىلىق سۇنى ساقلاپ قالىدۇ، شۇڭا قۇرغاق، سۇ كەمچىل، تېمپېراتۇرا پەرقىنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى چوڭ بولغان تاش تاغلاردىكى قىيا يوچۇقلىرىدا ئۆسەلەيدۇ. ھاۋا قۇرغاق چاغدا، ئۇنىڭ ئۇششاق شاخلىرى ئىچىگە تۈگۈلۈۋېلىپ مۇشتۇمغا ئوخشاپ قالىدۇ، شۇڭا «يولۋاس مۇشتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يېغىن سۈيىگە ۋە مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىغا ئېرىشكەندە، ئۇششاق شاخلار قايتا يېيىلىپ، داۋاملىق ئۆسىدۇ. قۇرغاق تاش - قىيالارنىڭ سۇنى ساقلاپ قېلىشى تەس بولغاچقا، زىبرە كۆپ قېتىملىق «قۇرۇپ ئۆلۈش» ۋە «قايتا تىرىلىش» لەردىن ئۆتكەندىن كېيىنلا ئاندىن ئۆسۈپ يوغىناپ نەسىل قالدۇرالايدۇ، شۇڭا «مىڭ ئۆلۈپ قايتا تىرىلىدىغان ئوت» دەپ ئاتالغان. مىڭ ئۆلۈپ قايتا تىرىلىدىغان ئوتنىڭ ئىلمى نامى زىبرە بولۇپ، كۆپ يىللىق، تىك ئۆسىدىغان، سامان غوللۇق پاپوروتنىك، ئېگىزلىكى5 ~15 سانتېمېتىر كېلىدۇ. كىچىك شاخلىرى ئاساسىي غولىنىڭ ئۇچىدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ، كىچىك شېخى يەلپۈگۈچ شەكلىدە ئاچىلىنىپ، شولىسىمان يېيىلىدۇ. كىچىك شېخىدا ئىككى قاتار يوپۇرماقلىرى ئۆزئارا كىرىشىپ تىزىلغان، ئۈستىدىكى قورساق يوپۇرماقلىرى بىرقەدەر كىچىك ھەم تار، دۈمبە يوپۇرماقلىرى بىرقەدەر كەڭ، قىيپاش ئۆسىدۇ، شاخ ئۇچىدا سپورا خالتا باشىقى ئۆسكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا تۆت قاتار ئۆزئارا كىرىشىپ تىزىلغان بۆرەكسىمان يۇمىلاق شەكىللىك سپورا خالتىلىرى بولىدۇ. سپورىلار پىشقاندىن كېيىن شامال بىلەن ئۇچۇپ تارقىلىدۇ. زىبرە قۇرغاقچىلىققا قەيسەرانە قارشى تۇرىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە. ئۇنىڭ ئۆز تېنىدىكى سۇ مىقدارى تۆۋەنلەپ %5 تىن تۆۋەن قالغان چاغدىمۇ، يەنىلا ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالالايدۇ. بەزىلەر قەغەز ئارىسىغا قىستۇرۇپ كۆپ يىل ساقلانغان زىبرەنى سۇغا چىلاپ قويسا، ئۇ يەنە «قايتا تىرىلىپ» قالغان. ئامېرىكا قىتئەسىدىكى زىبرە تېخىمۇ ئاجايىپ بولۇپ، قۇرغاقچىلىق چاغدا تۈگۈلۈۋېلىپ شارچە ھالەتكە كېلىپ، شامالغا ئەگىشىپ دومىلاپ يۈرىدۇ. سۇ بار جايلارغا كېلىپ قالسا، دەرھال يېيىلىپ (كېرىلىپ) ئۆسۈشكە باشلايدۇ، سۇ كەمچىل بولغان چاغدا يەنە تۈگۈلۈۋېلىپ «ساياھەت» نى باشلايدۇ. شۇڭا، ئۇ يەنە «ساياھەتچى ئۆسۈملۈك» دەپ ئاتىلىدۇ. زىبرەنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى كەڭ، تولىراق تاقىر تاغ چوققىلىرىدىكى تاغ جىنسلىرىدا ئۆسىدۇ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ. زىبرەنىڭ پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپى دورا قىلىنىدۇ. قورۇش - قان توختاتقۇچى دورا قىلىنىدۇ. سوڭى چىقىپ قېلىش، قان قۇسۇش، بۇرۇن قاناش ۋە يىقىلىپ ياكى ئۇرۇلۇپ ئىچىدىن زەخىملىنىش خاراكتېرلىك قاناش ۋە پىچاق زەخمىسى (كېسىلىش) قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
زىبرە | UyghurWiki | UyghurWiki