UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىئۆسۈملۈك قان تىپىدىكى سىر

ئۆسۈملۈك قان تىپىدىكى سىر

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى ئۆسۈملۈكلەرنىڭمۇ قان تىپى بولامدۇ؟ ياپونىيىلىك بـىـر ئالـىـم بۇنىڭغا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ جاۋاب بەردى. ئۇ500 نەچـچـە خـىـل يـېـپـىـق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈك ۋە يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكنىـڭ ئۇرۇقـى بـىـلـەن مېۋىسىنى تەتقىق قىلغان. نەتىجىدە، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى60 خىلىنىـڭ O قـان تىپلىق،24 خىلىنىڭ B قان تىپلىق، يەنە بەزى ئۆسۈملۈكـلەرنـىـڭ BA قان تىپلىق ئىكەنلىكىنى بايقـىـغـان، بـىـراق، A قـان تـىـپـىغا كىرىدىغان ئۆسۈملۈكنى تاپالمىغان. كېيىن كىشىلەر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تـېـنـىـدە راستتىنلا گلۇكوزىلىق ئاقسىل ياكى پولىي ساخارىد زەنجىرى ۋە ياكى ئاگلۇتىنات بارلىقىنى ئىسپاتلىدى. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گلۇكوزىلى ئادەم بەدىنىدىكـى قان تىپىنىڭ گلۇكوزىلىغا ئوخـشىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر قان تىپى رىئاكسىيىسى ئادەم بەدىنىدىكى ئانتىسېرۇم ئارقىلىق بېكىتىلسە، ئۆسۈملـۈك تېنىدىكى گلۇكوزىلىدىمۇ ئادەم بەدىنىدىكى ئانتىسېرۇمغا ئوخشاش رېئاكسىـيـە يۈز بېرىدۇ، بۇنىڭدىن ئۆسۈملۈك تېنى گلۇكوزىلىنىڭمۇ ئادەمنىڭ قـان تـىـپـىـغـا ئوخشىشىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش مۇمكىن. مەسىلەن، بىنەپشە گۈللـۈك ماگنولىيە دەرىخى بىلەن ياپونىيە چېيى O قان تىپلىق، مارجان دەرىخى B قـان تىپلىق، ئاددىي يوپۇرماقلىق ئېرەن دەرىخى BA قان تىپلىق بولىدۇ، بىراق، A قان تىپلىق ئۆسۈملۈك تېخى تېپىلمىدى. ئالىملار قان تىپى ماددىسىنىڭ ئاساسىي رولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلـىـش ئۈچۈن ئۆسۈملۈك دۇنياسىدا چوڭقۇر تەتقىقات ئېـلـىـپ بـېـرىـپ مـۇنـداق يەكۈن چىقاردى: ئەگەر ئۆسۈملۈك گلۇكوزىلىنىڭ سىنتېزلىنىشى مۇئەيـيـەن ئۇزۇنلۇققا يەتسە، ئۇنىڭ ئۇچ قىسمىدا قان تىپى ماددىسى شەكىـلـلـىـنـىـدۇ، ئاندىن سىنتېزلىنىشتىن توختايدۇ. قان تىپى ماددىسىدىكى يېپىـشـقـاقـلـىـقنـىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئۆسۈملۈك تېنىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىـگـە ئالـغـان بولۇشى مۇمكىن. بىراق، ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدا نېمە ئۈچۈن قان تىپى ماددىـسى مەۋجۇت بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن A قان تىپلىق ئۆسۈملۈكنى تـاپـقـىـلـى بـولـمايدۇ؟ بـۇ مەسىلىلەرنىڭ سىرى تا ھازىرغىچە ئېچىلمىدى.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئۆسۈملۈك قان تىپىدىكى سىر | UyghurWiki | UyghurWiki