ئۆسۈملۈكلەرنىڭ «ئۆزىنى قوغدىشى» دىكى سىر
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
بەزى ئۆسۈملۈكلەر ھاشارات ۋە ھايۋانلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچـرىغاندىن كېيىن ئۇلاردا «ئۆزىنى قوغدايدىغان» خىمىيىلىك قورال پەيدا بولىـدۇ. بـۇ خىل ھادىسە ئالىملارنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى.1981
- يىلى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدىكى10 مىليون ئىنگلىـز مـوسى كېلىدىغان دۇب دەرىخى ئورمىنىدا پورتېترىيە پەرۋانىسى يامراپ، دۇب دەرىخىنىڭ يوپۇرماقلىرىنى يەپ تۈگىتىدۇ. ئەجـەبـلـىـنـەرلـىـكـى، ئىككىنچى يىلى بۇ جايدا پورتېترىيە پەرۋانىلىرى توساتتىن غايـىـب بـولـۇپ، دۇب دەرەخلىرىنىڭ يوپۇرمىقى قايتىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ. بـۇ قـانـداق ئىـش؟ ئورمانچىلىق ئالىملىرى دۇب دەرىخى يوپۇرمىقىنىڭ خىمىيىلىك تەركىبىدىكى ئۆزگىرىشنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان مـۇنداق سىرنى بايقىغان، پورتېترىيە پەرۋانىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشتىن ئىلگىرى دۇب دەرىخى يوپۇرمىقىنىڭ تەركىبىدە تاننىن ماددىسىنىڭ مىقـدارى ئاز بولۇپ، دەرەخ پەرۋانىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن بۇ ماددا كۆپىيىپ كەتكەن. تەركىبىـدە كـۆپ مىقداردا تاننىن بولغان يـوپـۇرمـاقـنـى يـېـگـەندىن كېيىن پەرۋانىلەر بىئارام بولغان، ھەرىكـىـتـىـمـۇ ئاستىلىـغان، بـۇ خىل ئەھۋال تاننىن بـىـلـەن پەرۋانە ئاشقازىنىدىكى ئاقسىلنىڭ بىرلەشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. شۇنىـڭ بىلەن پەرۋانىلەر كېسەل بولۇپ ئۆلگەن ياكى قۇشلارغا يەم بولغان.
دۇب دەرىخىنىڭ «ئۆزىنى قوغداش» ئارقىلىـق پورتېترىيە پەرۋانىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ئاجايىپ ۋەقە كىشىلەرگە ئامېرىكىنىڭ ئالياسكا ئىپتىـدائىـي ئورمانلىقىدىكى ئۆزىنى قوغداش جېڭىنـى ئەسلىتىدۇ. ئەيـنـى چـاغـدا، نۇرغۇن ياۋا توشقان ئورمانغا تەھدىت سالىدۇ، بـۇنىڭ بـىلەن كـەڭ دائىرىدىكى ئورمان يوقىلىش گىردابىغا بېـرىپ قـالىدۇ. كىـشـىلەر يـاۋا توشقانغا ئامال قىلالمايۋاتقاندا، توشقانلار توپى توسـاتتـىن كـېـسـەللىككە گىرىپتار بولىدۇ، ئاخىرىدا ئورماندىن يوقىلىدۇ. ئالىملار ئانالىز قىلـىـش ئارقىلىق ياۋا توشقانلار يېگەن يوپۇرمـاق بـىـخـىنىڭ تـەركـىـبـىـدە «تېرپېن» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل خىمىيىلىك ماددا بارلىقىنى، توشقانلار ئۇنـى يـېـگـەندىن كېيىن كېسەل بولۇپ ئۆلىدىغانلىقىنى بايقايدۇ.
كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدىغىنى، ئۆسۈملۈكلەردە تۇيـغـۇ بولامدۇ؟ ئۇنـداق بولمىغاندا ئۇلار ھاشارات ۋە ھايۋانلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندىـن كېيىن قانداق قىلىـپ «ئۆزىنى قـوغـدايدىغان» خـىـمىيىلىك قـورال ئىشلەپچىقىرالايدۇ؟ كەڭ دائىرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر زىيانداش ھاشاراتلارغا ئوخشـاش بـىـر خـىـل قورال بىلەن تاقابىل تۇرىدۇ، ئۇنداقتا ئۇلار ئۆزئارا قـانـداق «ئالاقە» لىشىپ، ئورتاق «كېلىشىم» ھاسىل قىلىـدۇ؟ بـۇ سـىـرلار ئالىملارنىڭ داۋاملىق ئىزدىنىشىنى كۈتمەكتە.