UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىزەيتۇن دەرىخى

زەيتۇن دەرىخى

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى ئىنجىلنىڭ بىرىنچى تومىدا مۇنداق بىر ھېكايە بايان قىلىنغان: كەڭ زېمىننى توپان سۈيى بېسىپ كەتكەندە، ھاياتلىقلارنى كېمىسىدە ساقلاپ ئامان قالدۇرغان نوھ ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى توپان سۈيىنىڭ تارتىلغان - تارتىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئۈچۈن كەپتەرنى قويۇپ بەرگەنىكەن. كەپتەر قايتىپ كەلگەندە تۇمشۇقى بىلەن يېڭى ئۈزۈلگەن بىر تال زەيتۇن شېخىنى ئېلىپ كەپتۇ. نوھ ئەلەيھىسسالام توپان سۈيىنىڭ تارتىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ، قۇرۇقلۇققا قايتىپ كەپتۇ. كېيىن، كىشىلەر كەپتەر بىلەن زەيتۇن شېخىنى تىنچلىقنىڭ سىمۋولى قىلىپ كەلمەكتە. زەيتۇن دەرىخى زەيتۇن دەرىخى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئېگىزلىكى تەخمىنەن10 −20 مېتىر كېلىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ، پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپىدە يېلىمسىمان يېپىشقاق ئاروماتىك سىمولسى (رېزىنا) بولىدۇ. يوپۇرمىقى ئېللىپس شەكىللىك.11 ~15 جۈپ يوپۇرماقلىرى تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماقنى شەكىللەندۈرگەن. گۈلى ئاق، خۇشبۇي پۇراقلىق،20 ~300 گىچە ئۇششاق گۈللىرى كونۇسسىمان گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. گۈل رېتىدە ئاتىلىق گۈللىرى ئەڭ كۆپ، قوش جىنسلىق گۈللىرى ئازراق، ئەتىياز پەسلىدە چېچەكلەيدۇ، كۈز پەسلىدە مېۋىلەيدۇ، مېۋىلەش نىسبىتى گۈللىرىنىڭ ئاران %10 ى ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۈچكىلىك مېۋىسى ئېللىپس ياكى ئۇرچۇق شەكىللىك، مېۋە شۆپۈكى يېشىل رەڭلىك، پىشقاندىن كېيىن سۇس سېرىق رەڭلىك بولىدۇ، ئۈچكىسى قاتتىق. زەيتۇن دەرىخىنىڭ ئەسلىي ماكانى مەملىكىتىمىز بولۇپ، ھازىر گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى ۋە يۈننەننىڭ شىشۇاڭبەننا رايونى قاتارلىق جايلاردا يەنە كىچىك تىپتىكى ياۋايى زەيتۇن دەرەخزارلىقلىرى ساقلانغان. گۇاڭدۇڭ، فۇجيەنلەردە ئەڭ كۆپ ئۆستۈرۈلىدۇ. مېۋىسىنىڭ تەمى قىرتاق ئارىلاش تاتلىق، يېڭى پېتى يېگەندىن باشقا، شېكەرلەنگەن مېۋە قېقى ياساشقا بولىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە ئۆپكىنى تازىلاش، گالغا مەنپەئەت قىلىش دورىسى سۈپىتىدە يۇتقۇنچاق ئىششىپ ئاغرىشنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. زەيتۇن ئۇرۇقى تەركىبىدە %20 ماي بولۇپ، ياغ چىقىرىپ سانائەتتە ئىشلىتىلىدۇ. ياغىچىدىن ئۆي جاھازلىرى ۋە دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى ياساشقا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى