سەۋزە
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سەۋزە ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى سۈپەتلىك كۆكتات، شۇنداقلا غەربچە تائاملاردا كەم بولسا بولمايدىغان ئېسىل يېمەكلىك دەپ قارىلىدۇ. ياپونىيىدە بولسا «مېھرىگىياھ» قا ئوخشاش قەدىرلىنىپ ھەممە ئادەم بەس - بەستە سېتىۋالىدۇ. سەۋزىدىكى كاروتىن ئادەم تېنىدە ۋىتامىن A غا ئۆزگىرىپ، راكقا قارشى تۇرىدىغان ۋە ساقلىقنى ساقلايدىغان رولى بولغاچقا «ئۆمۈرگە شىپا كۆكتات» دەپ نام ئالغان.
سەۋزىنىڭ ئەسلىي ماكانى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافرىقىنىڭ شىمالىي قىسمى بولۇپ، تېرىپ ئۆستۈرۈلۈش تارىخى خېلى ئۇزۇن. ئۇ13 - ئەسىرلەردە كىچىك ئاسىيادىن ئېلىمىزگە كىرگەن. قەدىمكى دەۋرلەردە غەربىي رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ياشايدىغان رايونلار «خۇ» دەپ ئاتىلىدىغان، شۇنداقلا شەكلىمۇ تۇرۇپ (لوبو) غا ئوخشاپ كېتىدىغان بولغاچقا، خەنزۇلار »خۇلوبو« دەپ ئاتىغان.
سەۋزە كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئىستېمال قىلىنىدىغان قىسمى ئۇنىڭ گۆشلەشكەن ئوق يىلتىزى بولۇپ، ئادەتتە يۇمىلاق كونۇس شەكىللىك ياكى ئېللىپس شەكىللىك بولىدۇ. رەڭگى قىزىل، سېرىق، ئاق رەڭلەردە بولۇپ، قىزىل ۋە سېرىق رەڭدىكىلىرى بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە مول كاروتىن ھەمدە زور مىقداردا قەنت، كراخمال، ۋىتامىن B ۋە ۋىتامىن C قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بولىدۇ. كاروتىن ھەزىم قىلىنىپ پارچىلانغاندىن كېيىن ھەسسىلەپ ۋىتامىن A غا ئۆزگىرىپ، بەدەننىڭ يېتىلىشى، سۆڭەكلەرنىڭ ئۆسۈشى، مايلارنىڭ پارچىلىنىشى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئانالىز قىلىنىشىچە، سەۋزىنىڭ رەڭگى قانچە قىزىل بولسا، تەركىبىدىكى كاروتىن مىقدارىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدىكەن.
سەۋزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىغا بولغان شەرت ۋە تەلەپلىرى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇش، تۇپراق بەك قۇرغاق ياكى بەك نەم بولۇش قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى سەۋزىدىكى كاروتىن مىقدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن.