كۈمۈشئۆرۈك
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
كۈمۈشئۆرۈك دەرىخى دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى. كۆمۈشئۆرۈكنىڭ ئەجدادى270 نەچچە مىليون يىللار ئىلگىرىلا پەيدا بولۇشقا باشلىغان. ئەينى چاغلاردا پۈتۈن دۇنياغا تارالغان پاپوروتنىكلارغا سېلىشتۇرغاندا كۈمۈشئۆرۈك يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك ھېسابلىناتتى.170 نەچچە مىليون يىل ئىلگىرىگە كەلگەندە، كۈمۈشئۆرۈك ئەينى چاغدا دۇنياغا خوجايىنلىق قىلىۋاتقان دىنوزاۋرلارغا ئوخشاش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىغان. مۇزلۇقلار ھەرىكىتى مەزگىلىدە، مۇتلەق كۆپ قىسىم كۆمۈشئۆرۈك دىنوزاۋرلارغا ئوخشاش يوقىلىپ كەتكەن، پەقەت مەملىكىتىمىزنىڭ قىسمەن جايلىرىدىلا ئازراق ساقلىنىپ قالغان ھەم ھازىرغىچە يېتىپ كېلىپ دۇنيادا كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان تەۋەررۈككە ئايلاندى.
كۈمۈشئۆرۈك يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، داڭلىق تاغ، قەدىمكى ئىبادەتخانىلاردا ئۇچرايدۇ. دەرەخ قىياپىتى زور ھەم چىرايلىق، يوپۇرمىقى ئىنتايىن ئۆزگىچە، خۇددى كىچىك قەغەز يەلپۈگۈچكە ئوخشاش شامالدا لەپشىپ تۇرىدۇ. بەزى دەرەخلىرىدە يەنە يۇپيۇمىلاق ئۇرۇق ھاسىل بولىدۇ، ئادەتتە ئاق مېۋە دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولغاچقا »گۇڭ سۈن شۇ« (ئاتا - بوۋىلىرىدىن نەۋرىلىرىگىچە قالغان دەرەخ) دەپ ئاتاپ ئاتا - بوۋىلىرى تىكىپ ئۆستۈرسە نەۋرىلىرىگە كەلگەندىلا مېۋىلەيدىغانلىقىنى سۈپەتلىگەن.
كۈمۈشئۆرۈكنىڭ مورفولوگىيە جەھەتتە نۇرغۇن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى بار. يوپۇرمىقىنىڭ قورساق تەرەپ، ئارقا تەرەپ دەپ پەرقى يوق، يوپۇرمىقىدا نۇرغۇن پاراللېل ھەم ئاچىلانغان يوپۇرماق تومۇرلىرى بار. ئانىلىق - ئاتىلىقى ئايرىم تۈپتە، ئاتىلىق گۈلىنىڭ گۈلچېڭى بۇرمىسىمان بولۇپ، ئۆزى ھەرىكەتلىنەلەيدۇ. ئۇرۇقى شار شەكىللىك، پىشقان چاغدا سىرتقى ئۇرۇق پوستى ئۆرۈككە ئوخشاش سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. گۆشلىشىدۇ، تەركىبىدە مايلار ۋە ئاروماتىك ماددىلار ھەم سىئانىك كىسلاتا قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار بولىدۇ؛ ئوتتۇرا ئۇرۇق پوستى ئاق رەڭلىك سۆڭەك ماددىلىق بولۇپ،2 −3 تال ئۇزۇنىغا سوزۇلغان قىرى بولىدۇ. ئىچكى ئۇرۇق پوستى قىزىل، تۆرەلمە سۈتى گۆشلەشكەن، بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئىپتىدائىي بولۇپ، ئۇنىڭ قەدىمىيلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
كۈمۈشئۆرۈك ھەر يىلى ئاپرېل ئېيىدا يوپۇرماق چىقىرىپ چېچەكلەيدۇ، ئۆكتەبىردە ئۇرۇقى پىشىدۇ. ئۇرۇق مېغىزى تەركىبىدە ئاقسىل، ماي قاتارلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بولىدۇ، لېكىن يەنە ئاز مىقداردىكى سىئانوزىد ۋە كىنكومېتىل فىنول قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلارمۇ بار بولۇپ، كۆپ يېگەندە زەھەرلىنىپ قالىدۇ. كۈمۈشئۆرۈكنىڭ ياغىچى ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. ئۇرۇقىنى يەنە دورا قىلىشقا بولىدۇ، زىققە كېسەللىكى ۋە ئۆپكە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا بولىدۇ. يوپۇرماق ۋە ئۇرۇق پوستى ناھايىتى ياخشى يەرلىك دېھقانچىلىق دورىسى بولۇپ، زىيانداش ھاشاراتلاردىن مۇداپىئەلەنگىلى بولىدۇ. يوپۇرمىقىنى خەتكۈچ قىلسا كىتابتىكى كۈيە قۇرتىنى يوقىتىشقا بولىدۇ. ئەتىياز پەسلىدە كۈمۈشئۆرۈك چېچەكلىگەندە، ھەسەل ھەرىلىرى يوپۇرۇلۇپ كېلىدۇ، شۇڭا ئۇ ناھايىتى ياخشى بولغان ھەسەل مەنبەسى ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىدۇ.
تىكىپ ئۆستۈرۈلگەن كۈمۈشئۆرۈكنىڭ ئۆمرىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن بولىدۇ، مەملىكىتىمىزدە نۇرغۇن1000 يىللىق قەدىمكى كۈمۈشئۆرۈك دەرەخلىرى بار. شەندۇڭ ئۆلكىسى جۇشەن ناھىيىسىنىڭ غەربىدىن9 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى دىڭلىن ئىبادەتخانىسىدا ناھايىتى يوغان بىر تۈپ كۈمۈشئۆرۈك دەرىخى بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشىچە، شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تىكىلگەنىكەن. ھازىرغىچە3000 نەچچە يۈز يىل بولغان بولۇپ، مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمكى كۈمۈشئۆرۈك دەرىخى ھېسابلىنىدۇ.