ئارچا
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئادەتتە دېيىلىدىغان ئارچا دەرىخى ئارچا ئائىلىسىدىكى دەرەخلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. پۈتۈن دۇنيادا ئاز دېگەندىمۇ150 تۈر ئارچا بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىن29 تۈرى چىقىدۇ، چەتتىن15 تۈرى كىرگۈزۈلگەن. ئارچا دەرەخلىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ھەممە يەردە ئۆسۈۋېرىدۇ، تاغ جىنسلىرى ۋە تاغلىقلارغا ماكانلىشىپ، ئوخشاشلا ئادەتتىكىدەك ياپيېشىل ياشىرىپ ئۆسۈۋېرىدۇ. ئۇلار ھەم℃40 لۇق تومۇزغىمۇ چىدايدۇ، ھەم℃31 − لۇق قەھرىتان سوغۇققىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. شۇڭا، ئۇ «تەبىئەتنى ئۆزگەرتكۈچى تۆھپىكار» دەپ ئاتىلىدۇ.
مەملىكىتىمىزدىكى قەدىمكى بۇتخانا - ئىبادەتخانىلاردا، مەشھۇر ئاسار ئەتىقە ئورۇنلىرىدا ئاسمانغا تاقاشقان قەدىمكى ئارچىلارنىڭ لەمپە - ئىمارەتلەرنى يېپىپ تۇرغانلىقىنى دائىم كۆرۈشكە بولىدۇ. شەنشى ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭلىڭ ناھىيىسىدىكى شۈەن يۈەن خان قەبرىستانلىقى ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدىكى قەدىمكى ئارچىنىڭ ئېگىزلىكى20 مېتىر، غول ئايلانمىسى10 مېتىر بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشىچە، شۈەن يۈەن خان ئۆز قولى بىلەن تىككەنىكەن، بۇ،4000 −5000 يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن. تەيۋەندىكى ئاتاقلىق «ئالىي تېغىدىكى ئىلاھىي دەرەخ» − خامايسىپارس (قىزىل ئارچا) دەرىخىنىڭ ئېگىزلىكى58 مېتىر، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى5 .6 مېتىر، ياغىچىنىڭ ھەجمى504 كۇب مېتىر بولۇپ، يېشى3000 يىلدىن ئاشىدىكەن. قەدىمكىلەر ئارچىنى تەرىپلەپ «دەرەخلەرنىڭ ئاقساقىلى» دېيىشكەن. كۇڭزى: «قەھرىتان سوغ بولمىسا، ئارچا - قارىغاي تونۇلماس، ئىشلار قىيىن بولمىسا، قىلالىغانلار بىلىنمەس» دەپ ئېيتقان. كۇڭزى قارىغاي - ئارچىلارنى قەدىرلەيتتى. ئۇنىڭ يۇرتى چۇپۇدىكى كۇڭزى قەبرىستانلىقى، كۇڭزى دەرەخزارلىقى ۋە كۇڭزى ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا، قەدىمكى ئارچىلار ھازىرغا قەدەر قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.
بىزگە كۆپ ئۇچرايدىغان ياپىلاق ئارچا (كۇلى ئارچىسى) ئارچا دەرىخى، خۇشبۇي ئارچا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئارچا ئائىلىسىگە كىرىدۇ. دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىن ئالاھىدە چىقىدىغان دەرەختۇر. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى20 مېتىر، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى1 مېتىر كېلىدۇ. ياپىلاق ئارچا گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد، خلور گازى، ھىدروخلورىد قاتارلىق زەھەرلىك گازلارغا قارىتا ئوتتۇراھال قارشى تۇرۇش كۈچىگە ئىگە، چاڭ - توزانلارنى سۈمۈرۈۋېلىش ئىقتىدارى بىرقەدەر كۈچلۈك. جۇڭيى تېبابىتىدە يۇمران شاخ، يوپۇرماق ۋە ئۇرۇق مېغىزى دورا قىلىنىدۇ. شاخ، يوپۇرماقلىرىنىڭ قاننى سوۋۇتۇش، قان توختىتىش رولى بار، ئاساسلىقى قان قۇسۇش، بۇرۇن قاناش، تەرىتىدىن قان كېلىش، قان سىيىش ھەم سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ. ئۇرۇق مېغىزىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق ئارىلاش ئاچچىق بولۇپ، تىنچلاندۇرۇش، قۇرۇقنى نەملەشتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئاساسلىقى ئۇيقۇسىزلىق، قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ. يوپۇرمىقىنى سۇدا قاينىتىپ بەدەن يۇيغاندا، سىر يارىسى ۋە تېرە ياللۇغىغا شىپا بولىدۇ.
ياپىلاق ئارچىنىڭ شاخ، يوپۇرمىقىنى ئۇۋۇلاپ ئەزگەندە ئۆتكۈر خۇش پۇراق چىقىرىدۇ، ئۇنىڭدىن ئاروماتىك ماي چەككىلەپ ئېلىشقا بولىدۇ. ياپىلاق ئارچىنىڭ ياغىچى قاتتىق، پۇختا، خۇشبۇي پۇراقلىق بولۇپ، قۇرۇلۇش، كېمىسازلىق، ئۆي جاھازلىرى ياساش ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ.