UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىتۇڭگۇ دەرىخى

تۇڭگۇ دەرىخى

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى تۇڭگۇ دەرىخى پەقەت جۇڭگودىلا بولىدىغان ئالاھىدە ئىقتىسادىي دەرەخ تۈرى، شۇنداقلا تۆت چوڭ ياغاچ غوللۇق مايلىق دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ1000 يىلدىن ئارتۇق تىكىپ ئۆستۈرۈلۈش تارىخىغا ئىگە.1880 - يىللىرى جۇڭگودىن چەت ئەللەرگە تارقىلىشقا باشلىغان. دۇنيادا تۇڭگۇ دەرىخىنىڭ ئالتە خىل تۈرى بولۇپ، ئەسلىي ماكانى بولغان ئېلىمىزدە ئۈچ يىللىق تۇڭگۇ دەرىخى بىلەن1000 يىللىق تۇڭگۇ دەرىخى ئەڭ ئومۇميۈزلۈك تارقالغان. ئۈچ يىللىق تۇڭگۇ دەرىخىنىڭ ئىلمىي نامى فوردى تۇڭگۇ دەرىخى ياكى پارقىراق تۇڭگۇ دەرىخى بولۇپ، ئۆسۈشى تېز، بالدۇر مېۋىلەيدۇ، مەھسۇلاتىمۇ يۇقىرى. ئادەتتە ئۇ تىكىپ ئۈچ يىلدىن كېيىنلا مېۋىلەشكە باشلايدۇ، مېۋىلەش مەزگىلى ئۇزۇن بولۇپ،20 −30 يىلغا يېتىدۇ.1000 يىللىق تۇڭگۇ دەرىخىنىڭ ئىلمىي نامى مونتانا تۇڭگۇ دەرىخى بولۇپ، مېۋە شۆپۈكىدە پۈرمە سىزىقلار بولغاچقا تاشپاقىسىمان مېۋىلىك تۇڭگۇ دەرىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۇڭگۇ دەرىخى سۈتلۈكئوت ئائىلىسىگە كىرىدىغان يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەختۇر.1000 يىللىق تۇڭگۇ دەرىخى ئۈچ يىللىق تۇڭگۇ دەرىخىدىن ئېگىز بولۇپ، ئېگىزلىكى10 نەچچە مېتىر كېلىدۇ. ئۆمرى بىرقەدەر ئۇزۇن، ئەتىيازدا ئاق چېچەكلەيدىغان بولۇپ، ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى ئايرىم تۈپلەردە ئۆسىدۇ. ئۈچ يىللىق تۇڭگۇ دەرىخى بولسا4 - ئايلاردا چېچەكلەيدۇ. گۈل تاجى ياپراقچىلىرىنىڭ رەڭگى ئاق، غول قىسمىدا بېغىررەڭ يول - يول سىزىقلىرى بولۇپ، ئاتىلىق ۋە ئانىلىقلىرى بىر تۈپتە ئۆسىدۇ. ھەر ئىككىلىسىنىڭ گۈل رېتى چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى بولۇپ،5 - ئايلاردا چېچەكلەشكە باشلاپ،10 - ئايلاردا مېۋىسى پىشىدۇ. تۇڭگۇ دەرىخىنىڭ ئۇرۇقىدىن چىقىرىلغان ماي تۇڭگۇ مېيى، ياغاچ قىسمىدىن چىقىرىلغان ماي ياغاچ مېيى دېيىلىدۇ. ياغاچ مېيىنىڭ سۈپىتى تۇڭگۇ مېيىدىن سەل تۆۋەنرەك بولىدۇ. تۇڭگۇ مېيى بىلەن ياغاچ مېيىنىڭ رەڭگى ساپسېرىق ياكى قوڭۇر سېرىق بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى پارقىراق ئەلا سۈپەتلىك مايلاردۇر. تۇڭگۇ مايلىرىنى يېمەكلىك قىلىشقا بولمايدۇ، لېكىن ئۇلار ناھايىتى ياخشى سانائەت مېيى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار سۇ ئۆتكۈزمەسلىك، ھاۋا ئۆتكۈزمەسلىك، توك ئۆتكۈزمەسلىك، كىسلاتا - ئىشقارغا چىداشلىق، چىرىتىشتىن ساقلاش، سوغۇق - ئىسسىققا چىداشلىق قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغاچقا، سانائەتتە سىر، سۇلياۋ، ئېلېكتر سايمانلىرى، سۈنئىي كاۋچوك (رېزىنكە)، سۈنئىي تېرە، سۈنئىي بېنزىن، مەتبەئە مېيى قاتارلىقلارنى ياساشتا كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. تۇڭگۇ مېيى ئېلىمىزنىڭ ئاساسلىق ئەنئەنىۋى ئېكسپورت تاۋىرى بولۇپ، دۇنيا تۇڭگۇ مېيى ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ %70 ىنى ئىگىلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
تۇڭگۇ دەرىخى | UyghurWiki | UyghurWiki