لەيلىقازاق
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
لەيلىقازاق بىر خىل ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئاپرېل، ماي ئايلىرىدا چېچەكلەيدۇ، گۈلى چوڭ بولۇپ، بىنەپشە، ئاق، ھال رەڭ ياكى قىزىل رەڭلەردە ئېچىلىدۇ، ئىنتايىن چىرايلىق. ئەسلىي ماكانى ياۋورپا ۋە ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمى. بېلگىيىلىكلەر لەيلىقازاقنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ ھەم ئۇنى دۆلەت گۈلى قىلىپ بېكىتكەن.
لەيلىقازاق ئەپيۈنگۈل ئائىلىسى، ئەپيۈنگۈل ئۇرۇقدىشىغا كىرىدىغان ئۆسۈملۈك. شۇڭا، ئۇنىڭ مېۋە شۆپۈكىدە «ئەپيۈن» دىن ئىبارەت ناركوز دورىسى بار. ياۋروپالىقلار ئۇنى «كۆممىقوناق ئەپيۈن» دېيىشىدۇ.
چېچەكلەشتىن ئىلگىرى، لەيلىقازاق غۇنچىسى ساڭگىلاپ تارتىنىۋاتقان قىزچاققا ئوخشاپ قالىدۇ؛ چېچەكلىگەن چاغدا، غۇنچىنى ئوراپ تۇرغان ئىككى تال گۈل كاسا ياپراقچىسى ناھايىتى تېزلا چۈشۈپ كېتىدۇ - دە، شايىدەك نېپىز ھەم چوڭ تۆت تال گۈل تاج ياپراقچىسى ۋە ئىنچىكە ئاجىز غولى ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى ۋە زىبا قامىتىنى تولۇق نامايان قىلالايدۇ. مەيىن شامال پۈۋلەپ ئۆتكەندە، گۈل تاج ياپراقچىلىرى خۇددى كېپىنەك قاناتلىرىدەك يەلپۈنىدۇ. گۈلنىڭ مەركىزىدە سانسىزلىغان ئاتىلىقلىرى ۋە چوڭ بىر ئانىلىقى بولىدۇ. چېچەكلەش مەزگىلى ئومۇمەن پەقەت ئىككى كۈن ئەتراپىدىلا بولۇپ، گۈلى توزۇغاندىن كېيىن غوزا مېۋە تۇتىدۇ.
لەيلىقازاق گۈلزارلىقلار، چىملىقلار، يول ياقىلىرى ۋە ھويلا - ئاراملارغا تۇتاش تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. رەڭگارەڭ ئېچىلىپ كەتكەندە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان گۈزەل قىياپىتى ئادەمگە يېنىك ئايلىنىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ساھىبجامالنى ئەسلىتىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل گۈل مەملىكىتىمىزگە تارقىلىپ كىرگەندە، مەملىكىتىمىزنىڭ باغۋەنلىرى تەبىئىي ھالدىلا قەدىمكى تارىختىكى مەشھۇر چۇ باۋاڭنىڭ ئامراق توقال خوتۇنى يۈ خېنىمنى يادىغا ئېلىشقان، شۇنىڭ بىلەن «يۈمېيرىن» دەپ نام بەرگەن (لەيلىقازاقنىڭ خەنزۇچە نامى «يۈمېيرىن» بولۇپ، يۈ ساھىبجامال دېگەن مەنىدە). ئۇنىڭدىن باشقا خەنزۇچىدا لىچۇنخۇا، سەيمۇدەن، جېنبېيخۇا، بەيبەنجياۋ، خوديېمەنيۈەنفېي (ھويلىدا لىق كېپىنەك) دېگەن چىرايلىق ناملىرى بار.