UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىساگۇ كوكۇس پالمىسى

ساگۇ كوكۇس پالمىسى

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى مالايا تاقىم ئاراللىرىدا «گۈرۈچ» چىقىدىغان بىر خىل كوكۇس دەرىخى ئۆسىدىغان بولۇپ، ساگۇ كوكۇس پالمىسى دەپ ئاتىلىدۇ، يەرلىك ئادەملەر ئۇنى «گۈرۈچ دەرىخى» دېيىشىدۇ. ساگۇ كوكۇس پالمىسى پالما ئائىلىسىگە تەۋە ئۆسۈملۈك بولۇپ، پالما، سپارى (ئارېكا) ھەم كوكۇس قاتارلىقلار بىلەن بىر ئائىلىدىكى قېرىنداشلاردۇر. ساگۇ كوكۇس پالمىسى ئاساسلىقى مالاي يېرىم ئارىلى، ھىندونېزىيىدىكى ھەرقايسى ئاراللار ۋە پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيىسى قاتارلىق جايلارغا تارالغان. ئۇنىڭ غولى تۈپتۈز، يوپۇرمىقى ناھايىتى ئۇزۇن، تەخمىنەن3 ~6 مېتىر كېلىدۇ، يىل بويى كۆكىرىپ تۇرىدۇ. غولىنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى تېز بولۇپ،10 يىلدىلا ئېگىزلىكى10 −20 مېتىرغا يېتىدۇ؛ لېكىن، ئۆمرى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، ئاران10 −20 يىل ياشىيالايدۇ. پۈتۈن ھاياتىدا بىرلا قېتىم چېچەكلەيدۇ ھەمدە چېچەكلەپ نەچچە ئاي بولمايلا قۇرۇپ قالىدۇ. گۈرۈچ دەرىخىنىڭ قوۋزىقىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كراخمال بولىدۇ، چېچەكلەشنىڭ ئالدىدىكى مەزگىل، دەرەخ غولىنىڭ ئۆمرىدە كراخمال زاپىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ۋاقتى ھېسابلىنىدۇ. ۋەھالەنكى، ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، ئۆمۈر بويى جۇغلانغان نەچچە يۈز كىلوگرام كېلىدىغان كراخمال، ئۇ چېچەكلىگەندىن كېيىنكى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا پاك - پاكىز يوقىلىپ كېتىدۇ، قۇرۇپ ئۆلگەندىن كېيىنكى گۈرۈچ دەرىخىدە پەقەت قۇپقۇرۇق بىر تۈپ غوللا قالىدۇ، خالاس. تەبىئەتنىڭ ئىنسانلارغا سوۋغا قىلغان يېمەكلىك ئاشلىقىنى ئۆز ۋاقتىدا يىغىۋېلىش ئۈچۈن، يەرلىك ئادەملەر گۈرۈچ دەرىخىنىڭ چېچەكلىشىنى كۈتۈپ تۇرمايلا ئۇنى كېسىپ يىقىتىپ دەرەخ غولىدىكى كراخماللارنى قىرىپ ئېلىۋالىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ گۈرۈچ دەرىخىنىڭ كراخمىلى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مۇھىم ئوزۇقلۇقى بولۇپ كەلگەن. ئۇلار قىرىپ ئېلىۋالغان كراخمالنى ئىدىشقا قاچىلاپ، سۇ قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ گۈرۈچ سۈيى تەييارلايدۇ. سۈزۈلگەندىن كېيىن قۇرۇتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن قايتا پىششىقلاپ ئىشلەپ دان - دانىسى ئاپئاق، پارقىراق «گۈرۈچ» كە ئايلاندۇرىدۇ. مانا بۇ ئاتاقلىق «ساگۇ گۈرۈچى» ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن تاماق ئېتىلسە، ئېغىزغا تېتىغۇدەك ئوزۇقلۇقى مول تاماق بولىدۇ. ساگۇ گۈرۈچىگە مىتە چۈشمەيدۇ، توقۇمىچىلىق سانائىتىدە پات بېرىش (كراخماللاش) كە ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛ يۇمران بىخنى ئوتياش ئورنىدا يېيىشكە بولىدۇ. يوپۇرماق سېپى ناھايىتى توم بولغاچقا، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى