يىلتىزسىز جامكا
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
جۇڭگونىڭ جەنۇب تەرەپلىرىدىكى كۆلچەكلەر، سۇ ئازگاللىرى ياكى ئېرىقلارنىڭ سۇ يۈزىنى بەزى چاغلاردا ناھايىتى زىچ تۈركۈم - تۈركۈم يۇپيۇمىلاق ئۇششاق يوپۇرماقلار قاپلاپ كېتىدۇ، ئۇ ماي قەلەم ئۆزىكىنىڭ توغرا كەسمە يۈزىچىلىك چوڭلۇقتا بولۇپ، ئارقا تەرىپىدىكى بىر تال ئىنچىكە يىلتىزى سۇغا چىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ خىل ئىنتايىن كىچىك ئۆسۈملۈك جامكا دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك بولغان گۈللۈك ئۆسۈملۈك بولۇپ، ھەقىقىي جامكىغا بەكمۇ ئوخشايدۇ، لېكىن ئۇ ھەقىقىي جامكىنىڭ ئاران تۆتتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا مىكرو جامكا دېيىلىدۇ.
مىكرو جامكا جەمەتىدە پەقەت ئاچا - سىڭىل ئىككىسىلا بولۇپ، بىرى، مىكرو جامكا، يەنە بىرى، يىلتىزسىز جامكا (ۋولففىيە) دېيىلىدۇ. بۇ ئىككى ئىلمىي نام بۇ ئىككى خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىنى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن: يەنى كىچىكلىكتە پەقەت مىكروسكوپ ئاستىدىلا ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ، ئاددىيلىقتا ھەتتا يىلتىزىمۇ يوق.
بۇ ئىككى خىل ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى يوق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يوپۇرمىقىمۇ يوق. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى پەقەت بىر ياپىلاق غولدىنلا ئىبارەت. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپى تۈپتۈز، تەتۈر تەرىپى تومپايغان، خۇددى دانە - دانە يېشىل قۇمغا ئوخشاش بولۇپ، تىپتىنچ سۇ يۈزىنى زىچ قاپلاپ تۇرىدۇ. ھەر دانىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى1 مىللىمېتىر ئەتراپىدا، كەڭلىكى1 مىللىمىېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ. ئۆسۈشى ئەڭ ئاينىغان چاغدا، ھەر كۋادرات مېتىر سۇ يۈزىدە مىليوندىن ئارتۇق ئۆسۈملۈك ئىندىۋىدلىرى بولىدۇ.
مىكرو جامكا بىر خىل گۈللۈك ئۆسۈملۈك، لېكىن ئۇنىڭ چېچەكلىمىكى بەك تەس، مىكرو جامكىنىڭ گۈلى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، ئۆسۈملۈك تېنىنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئۆسىدۇ، تۇرقى لامپۇچكىغا ئوخشايدۇ، سىرتى پۈتۈنلەي كىچىك تەڭگىچىلەرگە تولغان. پۈتۈن بىر گۈلى يىڭنە ئۇچىدىنمۇ كىچىك، ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئىچىدە ئانىلىق گۈلدىن بىرى، ئاتىلىق گۈلدىن ئىككىسى بولۇپ، مۇكەممەل گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرگەن تېخى!
بۇ ئىككى خىل ئۆسۈملۈك تروپىك بەلۋاغ ۋە سوبتروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدا ئۆسىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەر ۋە تەيۋەن ئۆلكىسىدىمۇ بار. چېچەكلىگەندىن كېيىن يۇمىلاق شارچە شەكىللىك، سىرتقى يۈزى پارقىراق سىلىق مېۋە تۇتالايدۇ. لېكىن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەھۋاللاردا ئۇلار چېچەكلەپ مېۋىلەش ئارقىلىق ئەۋلاد قالدۇرمايدۇ، بەلكى باكتېرىيىلەرگە ئوخشاش بۆلۈنۈپ كۆپىيىدۇ؛ يەنى ئۆسۈملۈك تېنىنىڭ چېتىدىن باشقا بىر يېڭى ئۆسۈملۈك تۈپى ئۆسۈپ چىقىدۇ، كېيىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ، يېڭى ئۆسۈملۈك تۈپى مۇستەقىل ئۆسۈشكە باشلايدۇ؛ ئۆسۈملۈك تېنى مۇشۇنداق بىرى ئىككىگە، ئىككىسى تۆتكە.... بۆلۈنۈۋېرىپ ناھايىتى تېزلا پۈتۈن سۇ يۈزىنى ئىگىلەپ كېتىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكلەر بېلىجانلارنى باقىدىغان ياخشى يەمچۈك ھېسابلىنىدۇ.