UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىئاق كەندىر

ئاق كەندىر

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى جۇڭگو ئاق كەندىرنىڭ ماكانى. ئارخېئولوگىيىلىك ئىسپاتلاشلاردىن قارىغاندا، ئېلىمىز خەلقى5000 نەچچە يۈز يىللار ئىلگىرىلا ئاق كەندىردىن رەخت توقۇپ كىيىملەرنى تىكىپ كىيگەن. ئۇنىڭ تالالىرى پۇختا بولىدىغانلىقى، يالتىراقلىقى زىغىر تالالىرىنىڭ يالتىراقلىقىدىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقى ھەم سۇ ۋە نەملىكنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغانلىقى، يەنە كېلىپ تالالىرىنى بىر ‐ بىرلەپ ئايرىپ يىپەكتەك ئىنچىكىلەشكە بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، تاڭ سۇلالىسى مەزگىلىگە كەلگەندە بىر سەكرەپلا ئەينى چاغدىكى ئەڭ مۇھىم تالا مەنبەسى ئۆسۈملۈكىگە ئايلانغان. ئېلىمىزنىڭ ئاق كەندىرى ئەڭ ئاۋۋال چاۋشيەن ۋە ياپونىيىگە تارقالغان،18 - ئەسىردىن كېيىن ئاندىن ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تارقالغان. شۇڭا، خەلقئارادا «جۇڭگو ئوتى (جۇڭگو كەندىرى)» دەپ ئاتايدۇ. ئېلىمىزنىڭ ئاق كەندىر مەھسۇلاتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاق كەندىر چاققاقئوت ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ياكى چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى1 −2 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇ كۆپىنچە يول ياقىلىرىدا، ئۆيلەرنىڭ ئارقىلىرىدا، تاغ جىلغىلىرىدا ئۆسىدۇ ياكى ئادەملەر تېرىپ ئۆستۈرىدۇ. غولى كۆپ شاخلىنىدىغان بولۇپ، قويۇق ھەم يىرىك تۈكچىلىرى بولىدۇ. ياز پەسلىدە كىچىك يېشىل رەڭلىك گۈل ئاچىدۇ، ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى بىر تۈپتە بولۇپ، كونۇسسىمان گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. كۈز پەسلىدە كىچىك تىپلىق ئورۇق مېۋە تۇتىدۇ. ئاق كەندىرنىڭ ئىشلىتىلىشى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، تالالىرىدىن نەپىس، كۆركەم «كاناپ رەخت (گىرىپ)» لەرنى توقۇشقا بولىدۇ. ئۇنى كىيىم تىكىپ كىيسە ئادەمنى سالقىنلىتىپ تەرلەتمەيدۇ. دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە ئۇنىڭدىن ئايروپىلان ياپقۇچ، پاراشۇت، چېدىر، برېزېنت پلاش قاتارلىقلار تىكىلىدۇ. ئاق كەندىر يوپۇرمىقىنى يەنە يەم - خەشەك قىلىشقا بولىدۇ. يىلتىزى ۋە ئۇۋاقلىرى (كۇكۇنلىرى) قەغەز ياساشنىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدۇ. ئاق كەندىرنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق بولۇپ، ئەنئەنىۋى جۇڭيى دورىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يەللەرنى ھەيدەش، زەھەر قايتۇرۇش، قان توختىتىش، ھامىلىنى قوغداش رولى بار.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئاق كەندىر | UyghurWiki | UyghurWiki