UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىمامۇرانچىن

مامۇرانچىن

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى جۇڭگو مامۇرانچىننىڭ ئەسلىي ماكانى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىن ئوتتۇرا قىسمىغىچە، شەرقىي قىسىمدىكى تاغلىق رايونلارغىچە كەڭ تارقالغان. سىچۇەندىن چىقىدىغان مامۇرانچىن مەھسۇلاتى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي مەھسۇلاتىنىڭ %80 ىنى ئىگىلەيدىغان بولغاچقا، جۇڭيى تېبابىتى رېتسپلىرىدا «سىچۇەن مامۇرانچىنى» دەپ يېزىش ئادەت بولۇپ قالغان. مامۇرانچىن ئېيىقتاپان ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇ كۆپىنچە ئېگىز تاغ ئورمانلىرىدىكى سايە - نەم جايلاردا ئۆسىدۇ. سېرىق رەڭلىك يەر ئاستى يىلتىزسىمان غولى ئۇزۇن ھەم شاخلانغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان چاچما يىلتىزلار ئۆسۈپ چىقىدۇ. يىلتىزسىمان غولى كۆپ بوغۇملۇق بولۇپ، بوغۇملىرى بىر - بىرىگە زىچ تۇتىشىپ تۇرىدۇ. يوپۇرماق سېپى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن بولۇپ، ئۈچ كىچىك يوپۇرماق بىر مۇرەككەپ يوپۇرماقنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەتىيازدا ئېچىلغان كىچىك ئاق گۈللىرى گۈل شېخىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا ئۆسىدۇ. ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى ئايرىم تۈپتە بولۇپ،3 ~8 تالغىچە گۈلى چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مامۇرانچىن ئاچچىقلىقى بىلەن داڭق چىقارغان ياخشى دورا. چۈنكى، ئۇنىڭ يىلتىزسىمان غولىدا بىر خىل ئالكالوئىد − بېربېرىن بولىدۇ. بەزىلەر مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن: يەنى بىر ئۈلۈش بېربېرىنغا250 مىڭ ئۈلۈش سۇ قوشقان، ئاندى ئۇ تولۇق ئېرىپ بولغاندىن كېيىن تېتىپ كۆرگەندە يەنىلا ئاچچىق تېتىغان. مامۇرانچىننىڭ يىلتىزسىمان غولى دورا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى ئاچچىق بولۇپ، قىزىتمىنى قايتۇرۇپ ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. جۇڭيى تېبابىتىدە ئۇنىڭ بىلەن ھۆل ئىسسىقتىن بولغان ئىچ سۈرۈش، تولغاق (دېزىنتېرىيە) ۋە قۇسۇش، ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىسسىقى ئارتىپ كېتىش، ئىچى تىتىلداپ ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ. ھازىرقى زامان تەتقىقاتلىرىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، مامۇرانچىن ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك مىكروبقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە ۋە زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيىلىرىگە قارىتا ناھايىتى كۈچلۈك تورمۇزلاش رولى بار ئىكەن. بولۇپمۇ سېرىق ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىگە قارشى تۇرۇش كۈچى پېنسىلىندىنمۇ كۈچلۈك ئىكەن. ھازىر ئۇنىڭدىن تابلېتكا دورا ۋە ئوكۇل دورىسى ياسىلىپ مىكروبقا (باكتېرىيىگە) قارشى ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى قىلىپ ئىشلىتىلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
مامۇرانچىن | UyghurWiki | UyghurWiki