UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىئارائۇكارىيە دەرىخى

ئارائۇكارىيە دەرىخى

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى ئارائۇكارىيىنىڭ دەرەخ شەكلى تۈز، ئىنچىكە - ئېگىز، تۇرقى ناھايىتى چىرايلىق، دۇنياغا مەشھۇر مەنزىرە دەرىخى بولۇپ، ھازىرغىچە ئامان قالغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئارائۇكارىيە دەرىخى ئارائۇكارىيە ئائىلىسىگە كىرىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى40 ~60 مېتىر، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى2 .1 مېتىر كېلىدۇ، ھاۋاسى نەم، تۇپرىقى مۇنبەت يەرلەردە ئۆسۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. تاغ جىلغىلىرىدا ئۆسكەن ئارائۇكارىيە دەرەخلىرىنىڭ يېتىلىشى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. تەڭگىچە يوپۇرماقلىق ئارائۇكارىيە دەرىخىنىڭ شاخلىرى5 ~7 مېتىر كېلىدۇ. ئايلانما بولۇپ ئۆسۈپ يېيىلىپ تۇرىدۇ. يوپۇرماقلىرى يىڭنە ياكى كەڭ تېمىنە شەكىللىك، ئۇچى ئۇچلۇق، ئۇزۇنلۇقى5 .1 ~2 سانتىمېتىر، كەڭلىكى1 .0 −2 .0 سانتىمېتىر بولۇپ، ياتقۇزۇلغان كاھىشسىمان تىزىلىدۇ. ئاتىلىق - ئانىلىقلىرى ئايرىم تۈپتە، ئاتىلىق گۈل رېتى چوققىدا ياكى قولتۇقتا ئۆسىدۇ؛ ئانىلىق گۈل رېتى شارچە شەكىللىك، شارچە مېۋىسى تۇخۇمسىمان، ئۇرۇقىدا قانىتى بار. ئارائۇكارىيە دەرىخىنىڭ ئەسلىي ماكانى ئوكيانىيە قىتىئەسىنىڭ شەرقىي جەنۇب دېڭىز ياقىسى رايونلىرى بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، خەينەن، فۇجيەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۆستۈرۈلىدۇ. ئارائۇكارىيە ئائىلىسى، ئارائۇكارىيە ئۇرۇقدىشىدىكى دەل - دەرەخلەر18 تۈر بولۇپ، مەملىكىتىمىز تەخمىنەن4 تۈرنى كىرگۈزۈپ ئۆستۈرگەن، تەڭگىچە يوپۇرماقلىق ئارائۇكارىيە دەرىخىدىن باشقا يەنە چىلى ئارائۇكارىيە دەرىخى، ئىنچىكە يوپۇرماقلىق ئارائۇكارىيە دەرىخى ۋە چوڭ يوپۇرماقلىق ئارائۇكارىيە دەرەخلىرى بار. چىلى ئارائۇكارىيە دەرىخى يەنە جەنۇبىي ئامېرىكا ئارائۇكارىيە دەرىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېگىزلىكى30 ~50 مېتىر، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى1 −5 .1 مېتىر، دەرەخ شەكلى شارسىمان كونۇس شەكىللىك. ئۇرۇقى2 −3 يىلدىن كېيىن پىشىدۇ، مېۋىسى بىلەن بىللە تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ. قانىتى يوق. ئىنچىكە يوپۇرماقلىق ئارائۇكارىيە دەرىخى يەنە مايمۇن ئارائۇكارىيە دەرىخى ياكى نورفولك ئارائۇكارىيە دەرىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېگىزلىكى50 مېتىرغا يېتىدۇ. كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى5 .1 مېتىر، غولى تۈپتۈز، دەرەخ باراقسىنى مۇنار شەكىللىك. شارچە مېۋە، ئۇرۇقىنىڭ قانىتى تەرەققىي قىلغان، ئەسلىي ماكانى ئوكيانىيە قىتئەسىدىكى نورفولك ئارىلى. چوڭ يوپۇرماقلىق ئارائۇكارىيە دەرىخى يەنە مۇنارسىمان ئارائۇكارىيە دەرىخى، تىكەنلىك ئارائۇكارىيە دەرىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېگىزلىكى45 ~70 مېتىر، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى1 −5 .1 مېتىر، دەرەخ شەكلى تۈز، كونۇس شەكىللىك، شارچە مېۋىسى يۇمىلاق، ئادەمنىڭ بېشىچىلىك يوغىنايدۇ، ھەربىرىنىڭ ئېغىرلىقى5 .4 كىلوگرام كېلىدۇ. ئىچىدىكى ئۇرۇقى تەخمىنەن150 دانە، شەكلى نەشپۈتكە ئوخشايدۇ، ئەسلىي ماكانى ئوكيانىيە قىتئەسىنىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرى. ئارائۇكارىيە دەرىخى خەلق باغچىلىرى، مەكتەپ قورۇسى، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قاتارلىقلارغا تىكىپ ئۆستۈرۈشكە ياكى يالغۇز ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى