UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىسېرىق يۆگەي

سېرىق يۆگەي

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى سېرىق يۆگەي سېرىق ئوت، ئەپتىمۇن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سېرىق يۆگەي يۆگىمەچگۈل ئائىلىسىدىكى پارازىت ئۆسۈملۈك. ياز كۈنلىرى سويا پۇرچاق ئېتىزلىرىغا بارغاندا، دائىم يېشىل رەڭلىك پۇرچاق شاخلىرىغا چىرمىشىۋالغان ساپسېرىق ئىنچىكە يىپچىلارنى كۆرۈشكە بولىدۇ. مانا بۇلار ئاتاقلىق سېرىق يۆگەيدۇر. ئۇ ئەگەر يامراپ كېتىپ قالسىلا، سويا پۇرچاقلار بالادا قالىدۇ. سېرىق يۆگەينىڭ پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنى ساپسېرىق، ئاستىدا يىلتىزى يوق، بىر يىللىق سامان غوللۇق پېلەكلىك ئۆسۈملۈك. ھەر يىلى ئاپرېل، ماي ئايلىرى ئارىلىقىدا ئۇنىڭ ئۇرۇقلىرى بىخلىنىشقا باشلاپ، تۇپراقتىن «كىچىك ئاق يىلان» لاردەك مايسىلىرى بىر - بىرلەپ چىقىشقا باشلايدۇ. مايسىلىرى تۇپراقتىن چىققاندىن كېيىنكى2 −3 ھەپتە ئىچىدە، يەنىلا تۆرەلمە سۈتىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈپ، مۇستەقىل ھايات كەچۈرىدۇ. مايسىلىرى سويا پۇرچاق ئېتىزلىقىدا ئوڭ - سولغا ئايلىنىپ، يۇقىرىغا قاراپ ئۆسىدۇ، ئۈستۈنكى يېرىمى يەنە يۆگىلىشىپ كىچىككىنە چەمبەرگە ئايلىنىدۇ. سويا پۇرچاقنىڭ غولىغا يولۇقۇپلا قالسا، چىڭ چىرمىشىۋېلىپ قويۇۋەتمەيدۇ ھەم سويا پۇرچاقنىڭ غولىنى بويلاپ داۋاملىق يۇقىرىغا يامىشىدۇ ھەمدە بارغانسېرى چىڭ چىرمىشىدۇ. سېرىق يۆگەينىڭ ئىنچىكە غولىدا نۇرغۇن پارازىت يىلتىزلىرى بار بولۇپ، ئۇلار سويا پۇرچاقنىڭ غول ۋە يوپۇرماقلىرىنىڭ توقۇلمىلىرىغىچە ئۇزىراپ كىرىپ، سويا پۇرچاق تېنىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، سېرىق يۆگەي ئۆزىنىڭ تەييارغا ھەييار بولىدىغان پارازىتلىق ھاياتىنى باشلايدۇ. كېيىن، يەردىكى يىلتىزلىرى ناھايىتى تېز ئۆلۈپ كېتىدۇ، يوپۇرماقلىرى رودىمېنتلىشىپ، يېرىم سۈزۈك كىچىك تەڭگىچە يوپۇرماقلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. سېرىق يۆگەينىڭ ئۆسۈپ يامرىشى ناھايىتى تېز بولۇپ، ئاساسىي غولىدىن يېڭى ئىنچىكە غوللار ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ چىقىدۇ، بۇ يېڭى ئىنچىكە غوللار يەنە پارازىت ئىگىسىگە داۋاملىق چىرمىشىدۇ. شۇڭا، بىر تۈپ سويا پۇرچاقتا كۆپ ھاللاردا سېرىق يۆگەينىڭ ناھايىتى كۆپ چىرماشقۇچى ئىنچىكە غوللىرى بولىدۇ. سېرىق يۆگەي ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە چېچەكلەيدۇ، گۈللىرى كىچىك، توپلىشىپ ئۆسۈپ كاللەكلىشىدۇ. ھەربىر مېۋىسىدە1 ~3 تال ئۇرۇقى بولىدۇ. مېۋىسى كۈز پەسلىدە پىشىدۇ، غوزا مېۋىسى بولىدۇ. بىر تۈپ سېرىق يۆگەي2000 −3000 دانە ئۇرۇق چىقىرىدۇ. بۇ ئۇرۇقلارنىڭ بەزىلىرى يەرگە چېچىلىپ كەتسە، بەزىلىرى سويا پۇرچاقنى يىغقاندا پۇرچاق دانلىرىغا ئارىلىشىپ كېتىدۇ. ئۇرۇقى تۇپراقتا4 −5 يىل ھايات تۇرالايدۇ. ئىككىنچى يىلى ئاپرېل - ماي ئايلىرىدا، تۇپراقتا بىخلىنىپ ئۆسۈپ، پارازىت ئىگىسىنى ئىزدەيدۇ. سېرىق يۆگەينىڭ تەخمىنەن170 تۈرى بولۇپ، بەزىلىرى سويا پۇرچاقتا، بەزىلىرى زىغىر، ئۇچقۇلاق، بېدە، كېۋەز، تاماكا، ياڭيۇ (بەرەڭگە) ۋە كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بەزى ياۋا ئوت - چۆپلەردە پارازىت ياشايدۇ. ئۈزۈم ۋە باشقا مېۋىلىك دەرەخلەردىمۇ پارازىت ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ پارازىت ياشىشىدا بەلگىلىك خاسلىق مەۋجۇت. بىر تۈردىكى سېرىق يۆگەي كۆپ ھاللاردا بىر تۈردىكى ياكى بىرنەچچە تۈردىكى زىرائەتلەردە پارازىت ياشايدۇ. سېرىق يۆگەينىڭ ئۇرۇقىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ. جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ بۆرەككە مەنپەئەت قىلىش، مەنىنى تۇراقلاشتۇرۇپ سۈيدۈكنى تىزگىنلەش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سېرىق يۆگەي | UyghurWiki | UyghurWiki