UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىچۈچۈكبۇيا

چۈچۈكبۇيا

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى كىشىلەر دائىم «ياخشى دورا ئاچچىق بولىدۇ» دېيىشىدۇ، بىراق چۈچۈكبۇيا ئۇنداق ئەمەس. چۈچۈكبۇيا پۇرچاق ئائىلىسىگە تەۋە كۆپ يىللىق يېرىم چاتقالسىمان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئېگىزلىكى تەخمىنەن0 .5 مېتىر، غولىدا تىكەن تۈكچىلىرى بولۇپ، كىچىك يوپۇرماقلىرى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق شەكىللەندۈرگەن. يازدا كۆكۈچ بىنەپشە رەڭلىك گۈل ئاچىدۇ. گۈل تاجىسى كېپىنەكسىمان بولۇپ، ئومۇمىي گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ. كۈزدە ئورغاق شەكىللىك ياكى ھالقىسىمان تار چوكا مېۋە تۇتىدۇ. چۈچۈكبۇيىنىڭ ئوق يىلتىزى بىلەن يىلتىزسىمان غولى توم، پوستى (قوۋزىقى) قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، ھەر ئىككىسى دورا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە گلېتسېرىن، گلېتسېررىزىنىك كىسلاتا، گلېتسېررېتىنىك كىسلاتا، گلېتسېررىزا گلۇكوزىدى (چۈچۈكبۇيا گلۇكوزىدى)، كراخمال، ئوكسىدسىزلىغۇچى قەنتلىك كوللوئىد (يېلىمسىمان ماددا) ۋە مىنېرال ماددا قاتارلىقلار بولىدۇ. جۇڭيى تېبابىتىدە چۈچۈكبۇيا قىزىتمىنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرۇش، تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، ئۆپكىنى نەملەشتۈرۈپ يۆتەل توختىتىش، باشقا دورىلارنىڭ دورىلىق خۇسۇسىيىتىنى تەڭشەش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارغا ئىگە دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورا رېتسېپلىرىدا ئىشلىتىلىشى ئەڭ كۆپ. گلېتسېررىزىننىڭ زەھەر قايتۇرۇش رولى بار. چۈچۈكبۇيا ياسالما دورىلىرىنىڭ ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تورمۇزلاش رولى بولغاچقا، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ زىيادە كۆپ بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاشقازان ۋە12 بارماق ئۈچەي يارىسى كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى. چۈچۈكبۇيىنىڭ يەنە يۇتقۇنچاق - كېكىرتەك ۋە كاناينىڭ شىللىق پەردىسىنى ئاسراش رولى بولغاچقا، كېكىرتەكنى نەملەشتۈرۈپ يۆتەل توختىتىش ئۈنۈمى بار. گلېتسېررېتىنىك كىسلاتاسىنىڭ ياللۇغلىنىشقا ۋە زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى ئۈنۈمى بولۇپ، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە، تولغاق (دېزىنتىرىيە) تاياقچە باكتېرىيىسى، يېشىل يىرىڭ تاياقچە باكتېرىيىسى ۋە تۇبېركوليۇز تاياقچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلارغا قارىتا تىزگىنلەش رولى بار. ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، چۈچۈكبۇيىدا يەنە يۇقىرى قان بېسىمى بار بىمارلاردىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش ۋە ئاغرىق پەسەيتىش، دۆلىنىش (چۆچۈش)كە قارشى ئۈنۈمىمۇ بار ئىكەن. ئېلىمىزنىڭ چۈچۈكبۇيا دورا مەنبەسى مول، شەرقىي شىمال، غەربىي شىمال ۋە شىمالىي جۇڭگو قاتارلىق رايونلارنىڭ ھەممىسىگە تارقالغان بولۇپ، شىنجاڭ چۈچۈكبۇيىسىنىڭ سۈپىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى