UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىقۇلماق

قۇلماق

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى گەرچە پىۋا2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن قۇلماق ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى پىۋىنىڭ رەڭگى ھامان دۇغ ھالەتتە تۇراتتى. «قۇلماق گۈلى» ئىشلىتىلگەندىن كېيىنلا سۈزۈك، پۇراقلىق ۋە سەل قىرتاق تەملىك ھازىرقى پىۋا بارلىققا كەلگەن. شۇڭا، كىشىلەر قۇلماقنى ئىچىملىكلەر دۇنياسىدىكى «كېيىن پەيدا بولغان ئىچىملىك» دېيىشىدۇ. قۇلماق پىۋا گۈلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ كۆپ يىللىق يۆگەشكۈچى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۈجمە ئائىلىسىگە كىرىدۇ. يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسكەن، شەكلى يۈرەكسىمان تۇخۇم شەكىللىك، كۆپىنچە ئۈچكە يېرىلغان بولۇپ، گىرۋەكلىرى ھەرە چىشلىق بولىدۇ. كۈز پەسلىدە چېچەكلەيدۇ، ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى ئايرىم تۈپتە بولۇپ، ئاتىلىق گۈللىرى كونۇسسىمان گۈل رېتىنى، ئانىلىق گۈللىرى قىسقا باشاقسىمان گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھەر ئىككى ئانىلىق گۈلنىڭ سىرتىنى بىر تالدىن تەڭگىچىسىمان ئورىغۇچى ياپراقچە ئوراپ تۇرىدۇ. مېۋىسىنىڭ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ ئاخىرىدا مېۋىلەر بىرلىشىپ سۇس سارغۇچ ھەم تۇخۇم شەكىللىك شارسىمان مېۋە تەنچىسىگە ئايلىنىدۇ. ھەربىر ئورىغۇچى ياپراقچە ئىچىدە ئىككىدىن ئورۇق مېۋە يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. مېۋە سىرتى ۋە گۈل يېپىنچىسىدا نۇرغۇنلىغان سېرىق پاراشوكسىمان پۇراقلىق ماي بەزلىرى بولىدۇ. قۇلماق گۈلىدە ئېچىتىلغان پىۋىنىڭ پۇراقلىق بولۇشىنىڭ سىرى، دەل ئاشۇ پۇراقلىق ماي بەزلىرىنىڭ بولغانلىقىدا. ئۇنىڭ تەركىبىدە3 .0~%1 ئەتراپىدا ئۇچۇچان ئاروماتىك مايلار بولۇپ، ئۇلار پىۋىغا پۇراق كىرگۈزىدۇ؛ %4 ئەتراپىدا پىكرىن (كاربازوتىن) بولۇپ، ئۇ پىۋىغا ئالاھىدە قىرتاق تەم كىرگۈزىدۇ، لېكىن بۇ خىل تەم ئېغىزغا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يوقاپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە %13 تانىنىن بولۇپ، ئۇ ئېچىتىش جەريانىدا پەيدا بولغان سۈت كىسلاتا (لاكتىك كىسلاتا) باكتېرىيىلىرى بىلەن بۇتىرىك كىسلاتا باكتېرىيىلىرىنى يوقىتىدۇ ھەم پىۋا خام ئەشيالىرىدىكى ئاقسىللار بىلەن بىرىكىپ چۆكمە ھاسىل قىلىدۇ ۋە ئۇنى سۈزۈپ چىقىرىۋېتىدۇ. شۇڭا، ھازىرقى پىۋىلار دۇغ ھالەتتە بولماستىن، سۈپسۈزۈك بولىدۇ. پىۋا ھەقىقەتەن بىرقەدەر يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە بولغاچقا، كىشىلەر تەرىپىدىن «سۇيۇق بولكا» دەپ تەرىپلەنمەكتە. لېكىن، ئامېرىكا جىگەر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتىغا قارىغاندا، كۆپ پىۋا ئىچىدىغان ئادەملەر ئوخشاش مىقداردا ئۈزۈم ھارىقى ياكى باشقا ئىچىملىك ئىچىدىغان ئادەملەرگە قارىغاندا جىگەر كېسەللىكىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
قۇلماق | UyghurWiki | UyghurWiki