ئۆسۈملۈكتىكى سەزگۈ فۇنكسىيىسىنىڭ سىرى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
رەڭگارەڭ ئۆسۈملۈك دۇنياسىدا نۇرغۇن سـىـرلىـق تـەبـىئىـي ھادىسىلەر مەۋجۇت. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاڭلاش سېزىمى، پۇراش سـېـزىـمـى ۋە تېگىش سېزىمى بولۇپلا قالماستىن، ئۇلار يەنە ھېسسىيات ۋە مۇزىكـا ئىپادىلەش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە.
ئالىملار تۈگمىگۈلنىڭ تاشقى دۇنـيـادىـكـى سـاداغـا ئەڭ تېز ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بايقىغان، ئۇنى ئەڭ ياخشى «سۆھبەتلىشىش» ئوبيېكتى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ؛ بېگونىيە چـىـقـارغـان ئاۋاز بەكمۇ يېقىملىق، شۇڭا، ئۇ ئەڭ ياخشى «ناخشىچى» دەپ ئاتىلىشقا مۇناسىپ. بـەزى ئۆسۈملۈكلەر يەنە پۇراش سېزىـمىـغا ئىگە، ئۇلار قـوڭـغـۇز، چـىـۋىـنلەرنـى جەلپ قىلىدىغان پۇراقنى تەقلىد قىلىپ چىقىرالايدۇ. بۇ خىل ئۆسۈملۈكلەر تېمپېراتۇرىسىنى قەستەن ئۆرلىتىپ، چىرىگەن ھالەتكە كەلتۈرگەچكە، ئەتراپقا بەتبۇي پۇراق چاچىدۇ، قوڭغۇز، چىۋىنلەر ئۇنىڭغا ئولىشىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرمىقى ئۈزۈلگەندە، ئۇلار ئاغرىـغـانـلـىـقـىـنـى ئىپادىلەيدۇ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېلېكترپوتېنسىئالىنى ئۆلچىگەندە توك بېسىمىنىڭ ئۆرلىگەنلىكى بىلىنىدۇ. ئەگەر، ئۆسۈملۈكنىڭ ئەتراپىغـا ئېـتـىـل ئېفىر گازىنى تارقىتىپ «ناركوز» قىلىنسا، ئۆسۈملۈك «مەست بولىدۇ». بەزى ئۆسۈملۈكلەر ئىقلىم ئۆزگىرىشىگىمۇ ئىنكاس قـايـتـۇرىـدۇ. مەسىلەن، ياڭيۇدا ئاتموسفېرا بېسىمىدا ئۆزگىرىش بولۇشتىن ئىككى كۈن ئىلگىـرىلا ئىنكاس بولىدۇ؛ ھىندونېزىيىنىڭ ياۋا ئارىلىدىكى فانگىلاند تـېـغـىـدا ئاجايىپ بىر خىل گۈل بار. بۇ گۈلنى ئادەتتىكى چاغلاردا ئۇچراتـقـىـلـى بولمايدۇ، ئەمما ھەر قېتىم يانار تاغ پارتلاشتىن بىر كۈن ئىلگىرى تاغ چوققىسـىـدا پـەيـدا بولۇپ، يانار تاغنىڭ پارتلىشىدىن بېشارەت بېرىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سەزگۈ جەھەتتە ھايۋان ۋە ئىنسانلار بـىـلـەن ھەيـران قالارلىق دەرىجىدە ئوخشاشلىقىنى قانداق چـۈشـەنـدۈرۈش كـېـرەك؟ بـەزى ئالىملار بۇ جانلىقلارنىڭ ئورتـاق ئەجـداد − تـىـرىـك ھۈجـەيـرىدىن ئۆزگەرگەنلىكىدىن بولـسا كېرەك، دەپ قىياس قىلىدۇ. ئەگـەر ئۆسۈملۈكلەردىكى بۇ ئالاھىدە ئىقتىدارنىڭ سىرى ئېچىلسا، ئۇلارنى ئىنسانلارغا بەخت يارىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرغىلى بولاتتى.